ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئاچايلى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زورمەسىلە توغرىسىدىكى قارارى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دېيىلىدۇ)دە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان، ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ئابىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
بىرىنچى، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈش جەريانى
پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا قارالمىلار توپلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2013 – يىلى مايدا ئالاقىدار تەرەپلەرنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىسلاھات مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 12 – نويابىر ئاخىرلاشتى، 16 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇشۇ ئاساستا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ لايىھە تەييارلاش ئارقىلىق، بولۇپمۇ بۇ يىل 7 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى، ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لايىھە تەييارلاش خىزمىتى جىددىي ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىرىپ، 22 – فېۋرال ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› ئاخىرى ماقۇللاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشيەن ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ۋە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇھىم پىكىر ۋە كونكرېت تۈزىتىش پىكرىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئىككى قېتىم مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. لايىھە تەييارلاش جەريانىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۆپ قېتىم پىكىر ئېلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملار؛ مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن كۆپ قېتىم پىكىر ئېلىندى، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن، ھەربىي رايون قاتارلىق ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرى كۆپ قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كارخانا، ناھىيە، شەھەر، ئاساسىي قاتلام، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە كۆپ قېتىم قۇلاق سېلىنىپ، تەكرار مۇھاكىمە قىلىندى، ماسلاشتۇرۇلدى، ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى، قاراپ چىقىلدى، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ سەككىز قېتىم تەڭشەلدى ۋە نەچچە ئون قېتىم تۈزىتىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈش جەريانى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش جەريانى، كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بىلەن شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹قارار›› دېيىلىدۇ)نىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنى، مۇقىملىق ۋە سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىدىيە، تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى، تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ روھى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلىنغان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش جەريانلىرى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئىككىنچى، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نىڭ رامكا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› 17 بۆلەك، 75 تارماقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي سەككىز چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ بىرىنچىسى، ئومۇمىي بايان قىسمى بولۇپ، 1 – بۆلەكتىكى بەش تارماقنى؛ ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمى بولۇپ، 2 – بۆلەكتىن 7 – بۆلەككىچە بولغان 28 تارماقنى؛ ئۈچىنچىسى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمى بولۇپ، 8 – ،9 – بۆلەكتىكى جەمئىي توققۇز تارماقنى؛ تۆتىنچىسى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمى بولۇپ، 10 – بۆلەكتىكى تۆت تارماقنى؛ بەشىنچىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمى بولۇپ، 11 – ، 12 – بۆلەكتىكى جەمئىي ئون تارماقنى؛ ئالتىنچىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمى بولۇپ، 13 – بۆلەكتىكى بەش تارماقنى؛ يەتتىنچىسى، مىللەت، دىن ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق قىسمى بولۇپ، 14 – بۆلەكتىن 16 – بۆلەككىچە بولغان جەمئىي سەككىز تارماقنى؛ سەككىزىنچىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قىسمى بولۇپ، 17 – بۆلەكتىكى جەمئىي ئالتە تارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› تۆۋەندىكىدەك روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1 . ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانى زىچ چۆرىدەلگەن. ‹‹19 – دېكابىر››دىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بارلىق خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ۋە ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپى. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، يىغىن ۋە سۆزنىڭ روھى پۈتۈن سەھىپە بويىچە نامايان قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئىسلاھاتتا سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ يولغا قويۇش تەكىتلەنگەن؛ ئىسلاھات تەدبىرىدە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى ئۇتۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك يۆنىلىشى ۋە خەلقنىڭ ئىشتراك قىلىشى تېخىمۇ نامايان قىلىنغان. ئىز تورى www.iz.la
2 . سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلغان. شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلە تەرەققىياتنىڭ نسىبەتەن ئارقىدا قېلىشى بولۇپ، بازارلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى كەڭ ۋە چوڭقۇر قاتلامدىن پائال، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى ئۆزگەرتىلىپ، جامائەت مۇلازىمىتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. www.iz.la
3 . دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىلغان. شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ئالاھىدە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش زۆرۈر. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر داۋاملاشتۇرۇلۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىش – ئىسلاھ قىلىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، تەلەپچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، ئىلمىي تەرەققىيات، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەلەر زىچ چۆرىدىلىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان.
4 . مۇھىم نۇقتا، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساداسى ۋە ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. ‹‹يولغا قويۇش پىكىرى››دە، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش چۆرىدىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئاساسىي قاتلام ئاساسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق ‹‹چوڭ مۇقىملىق›› ساھەسىدىكى ئىسلاھاتلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
5 . شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: جۇڭگوچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزگىلى بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم ۋە قانۇندىن پايدىلىنىپ ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان، ۋەزىپىسى www.iz.la
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئالاھىدە مۇھىم. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىيات، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىققىلى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يولدا ماڭغىلى بولىدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭلا شىنجاڭنى ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق ياراتقاندىلا، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا مۇستەسنالىق ۋە ئايرىملىق مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونغا جايلاشقانلىقى، رايون ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئىسلاھ قىلماسلىق ياكى ئىسلاھات قەدىمىنىڭ ئاستىلىتىشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، بەلكى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشى كېرەك. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزگەرتىپ – ئىسلاھ قىلىپ، دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەر مىللەت خەلققە تايىنىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق – ھەققانىيلىققا تۈرتكە بولۇشنى، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشتىن ئىبارەت.
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشان، ۋەزىپىسى: جۇڭگوچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار يېتەكچىلىك قىلىش، ھاياتىي كۈچكە تولۇش، دېموكراتىك، قانۇن ئىدارە قىلىش، ھەققانىي – ئادىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىناق، باب ئۆتۈش تەلىپىگە ئاساسەن، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىدا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى ۋە مەزمۇنى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
(1) ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى دادىل راۋاجلاندۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزلىكتە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مىكرو ئىشلارنى باشقۇرۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، شىنجاڭنى ‹‹تەستىق تۈرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈم ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا›› ئۆلكە – رايونلارنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشىلاش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال – مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش كېرەك. شىنجاڭنى تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ تېز، قولايلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا، ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن – مائارىپ مەركىزى ۋە داۋالىنىش مۇلازىمەت مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. قىسقىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچ چوڭ پۇرسەت››كە تايىنىپ ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىۋېتىشتەك ئۈچ چوڭ بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
(2) سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كېڭەشلىك، دېموكراتىك، كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
(3) مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى تېزلىكتە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىش، تەجرىبە توپلاش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، تىجارەت خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، ئاساسىي قاتلامغا، يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دۆلەت مەدەنىيەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئالتە نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(4) ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە. ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش تىل مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلارنى ئومۇميۈزلۈك كەسپىي مائارىپ بىلەن تەربىيەلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئەمگەكچىلىرىنى يۆتكەش، شەھەر، بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كۆپەيتىشنى شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭدىكى كارخانا، ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ سالغان تۈرلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىكى %70تىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنى كۆرسەتكۈچىگە يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش مەخسۇس فوندى قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەرگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق، تەرتىپلىك كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتىنى تەدرىجىي تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قىسىم رايونلار نوپۇسىنىڭ زىيادە تېز كۆپىيىشىنى چەكلەپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مۇھىم تەدبىر، مۇھىم قۇرۇلۇش، مۇھىم ئىشلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(داۋامى كېيىنكى سان ‹‹يەشمىلەر›› بېتىدە) www.iz.la
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى
