ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا شىركىتى قەشقەر شەھرى ئىچى پوچتا يەتكۈزۈش1 – گورپۇسىدىكى ئابدۇغېنى قۇربان 2002 يىلدىن ھازىرغىچە بولغان ئون نەچچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ۋېلسىپىت ، توكسىكىلىت ، كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن 80 مىڭ كىلومېتىر يول مېڭىپ ھەر مىللەت ئابونىتلىرىنىڭ 17 مىليون دانە گېزىت - ژۇرنال بىر مىليون ئوتتۇز مىڭ پارچە پوسۇلكا - خەتلەرنى تېز ، توغرا ، بىخەتەر تارقىتىپ جۇڭگودىكى توققۇز مىليون ئالتە يۈزمىڭ كۋادرات كېلومېتىر زىمىن ئۈستىدە توختىماي پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر يۈز ئەللىك مىڭ دانە يېشىل پوچتا ئەلچىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ۋە بۇيىل 5 - ئايدا مەملىكەتلىك پوچتا سىستېمىسىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئىرشىتى . ئۇ بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىدارە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ تەقدىرلەنگەن . ــ ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن . تۆمۈر ئەھمەد ئوغلى مۇھەممەد ئەلى ياغما .
