ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 11 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قىسمەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سۆھبەت يىغىنىدا 13 يولداش سۆز قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ھۆججەتلىرىنى سىستېمىلىق، تەپسىلىي، چوڭقۇر ئۆگىنىپ زور ئىلھام ئالدۇق، چەكسىز روھلاندۇق. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، قەلبلەرنى مايىل قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى چىڭىتىمىز؛ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ تۈپ مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز؛ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ‹‹يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى›› قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئىز تورى بەك ياخشى
جاڭ چۈنشيەن يولداشلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ سوئال سورىدى ۋە ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بىرىنچى، ئىدىيە ۋە تونۇشنى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى كۈچەيتىشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەنى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ۋە مەركەزنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››ى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، جۇڭگو روھى، شىنجاڭ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى باشلامچىلاردىن، دادىللاردىن بولۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى بىرلىشىپ جۇڭگو روھىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ شىنجاڭ روھى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئاساسىي مېلودىيەنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرگەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە، كارغا كېلىشىگە، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دادىل ئىزدىنىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىدىيە ساھەسىدىكى ئاۋانگارتلارغا ئايلىنىش كېرەك. ‹‹ئىككىدە تىرىشىش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتچان، دادىل بولۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدىكى ئالاقە، بېرىش – كېلىش، قوشۇلۇشنى تېزلىتىپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشاننىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ئائىلىسىنى قۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخ، مەدەنىيەت تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، ‹‹سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان›› كادىرلاردىن بولۇش، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كادىرلاردىن بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غايە – ئېتىقاد ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى ئۆزىنى دەڭسەيدىغان ئۆلچەم قىلىپ، ئۆگىنىشتە يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىپ، ھوقۇقتا بەسلەشمەي، تۇرمۇشتا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماي، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۆھرەت زاكىر، شيۇڭ شۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ جيەنشىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئىز تورى www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
