ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
2 – ماددا خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ئاساسلىقى قوراللار (ھەربىي قورال، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان قورال، قېلىپلاشمىغان قورال)، ئوقلار (ھەربىي ئوق، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئوق)، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار (پارتلاتقۇچ دورا، پىستان، پىلتە، تەۋرەتكۈچ بومبا، قارا مىلتىق دورىسى، پوجاڭزا – ساليوت دورىسى قاتارلىقلار)، پارتلاتقۇچ ياسايدىغان بۇيۇملار (سەرەڭگە، كالىي نىترات، ناترىي نىترات، ئاممۇنىي نىترات، گۈڭگۈرت، ئاليۇمىن پاراشوكى، كالىي پېرمانگانات قاتارلىقلار)، ھەر خىل توپ ئوقلىرى (ئاۋىيا بومبا، مىنا، گىرانات قاتارلىقلار)، تەقلىد قىلىپ ياسالغان قورال، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب، قونداقلىق ئوقيا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا ئائىت يىپ ئۇچلىرى يۇقىرىقى خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ – سېتىش، توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، ساقلاش، ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئۆز ئالدىغا ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ھەمدە يۇقىرىقى خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ پارتلىتىش، ئادەم زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، ئېلىپ بېرىش سۇيىقەستىدە بولۇشتەك ئەھۋاللارغا دائىر يىپ ئۇچلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئادەم، ئىش، بۇيۇم، قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارغا دائىر يىپ ئۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
copyright by www.iz.la
3 – ماددا خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ئاممىنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى:
(1) قورالنى تاپشۇرغان بولسا، ھەربىي قورالنىڭ ھەر بىر تېلى ئۈچۈن 500 يۈەن، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان قورال ۋە قېلىپلاشمىغان قورالنىڭ ھەر بىر تېلى ئۈچۈن 300 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئوقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان بولسا، ھەر بىر تال ئوق ئۈچۈن بەش يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. www.iz.la
(2) پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى تاپشۇرغان بولسا، پىستاننىڭ ھەر بىر تېلى ئۈچۈن 30 يۈەن، پارتلاتقۇچ دورىنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامى ئۈچۈن 20 يۈەن، قارا مىلتىق دورىسى، پوجاڭزا – ساليوت دورىسىنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامى ئۈچۈن ئون يۈەن، پىلتىنىڭ ھەر بىر مېتىرى ئۈچۈن بەش يۈەن، تەۋرەتكۈچ بومبا، گىرانات، مىنانىڭ ھەر بىر دانىسى ئۈچۈن 100 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
(3) ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلمەيدىغان قىڭغىراق قاتارلىق تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار ۋە تەقلىد قىلىپ ياسالغان قوراللارنى تاپشۇرغان بولسا، بازار باھاسى بويىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
(4) تاشلىۋېتىلگەن خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تېپىۋېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ يىغىۋېلىنغان بولسا، يۇقىرىقى ماددىنىڭ 1 –، 2 – تارمىقىغا ئاساسەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
(5) تاپشۇرغان پارتلاتقۇچ ياسايدىغان بۇيۇملار مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4 – ماددا ئاممىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى پاش قىلىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغان ھەمدە دېلودىكى خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا ئائىت يىپ ئۇچى پاش قىلىنغان بولسا، دېلودىكى يىغىۋېلىنغان خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ تۈرى، سانى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن مۇكاپات سوممىسى بېكىتىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
(1) ئۆز ئالدىغا پارتلاتقۇچ بۇيۇم يوشۇرۇش دېلوسى، ساقلاش دېلوسى پاش قىلىنىپ، يىغىۋېلىنغان پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ سانى تۆۋەندىكى مىقدارغا يەتكەن بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ: پارتلاتقۇچ دورا 500 گىرامدىن، قارا مىلتىق دورىسى، پوجاڭزا دورىسى 1000 گىرامدىن، پىستان ئون دانىدىن، پىلتە، پارتلاتقۇچ پىلتە 20 مېتىردىن ياكى گىرانات، مىنا بىر دانىدىن كۆپ بولغان بولسا.
(2) قورال – ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش، ئۆز ئالدىغا يوشۇرۇش دېلوسى پاش قىلىنىپ، يىغىۋېلىنغان قورال ۋە ئوق – دورا تۆۋەندىكى مىقدارغا يەتكەن بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ: ھەربىي قوراللار، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان قوراللار (ئوۋ مىلتىقى، كىچىك كالىبېرلىق مىلتىق)، قېلىپلاشمىغان قوراللار (قارا مىلتىق، تەقلىد قىلىپ ياسالغان قورال، ئۆزى ياسىۋالغان قورال، ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان قورال بىر تالدىن ياكى گاز مىلتىق ئىككى تالدىن، ھەربىي ئوق ئون تالدىن، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئوق 50 تالدىن كۆپ بولغان بولسا. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
(3) تەقلىد قىلىپ ياسالغان قورال ئون تالدىن، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار 20 تالدىن، قونداقلىق ئوقيا بىر دانىدىن كۆپ يىغىۋېلىنغان بولسا ياكى تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب، قونداقلىق ئوقيانى ئېلىپ يۈرۈش دېلوسى پاش قىلىنغان بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
(4) پارتلاتقۇچ بۇيۇم، قورال – ياراغقا چېتىشلىق زور دېلولار پاش قىلىنغان ياكى پارتلاتقۇچ بۇيۇم، قورال – ياراغ، ئوق – دورا، ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ سېتىش ئۇۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
(5) پوجاڭزا – ساليوتلارنى قانۇنسىز توشۇغان، ساقلىغانلىقىنى ۋە پارتلاتقۇچ ياسايدىغان بۇيۇملارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ساتقانلىقىنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغان بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. www.iz.la
(6) ئامما يىپ ئۇچىنى پاش قىلىپ، خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى تەھقىقلەپ پاش قىلىشتا ئالاھىدە زور رول ئوينىغان، ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بولسا، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئەھۋالغا قاراپ 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30000 يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5 – ماددا ئامما خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ھەمدە ساقچىخانىغا تاپشۇرسا ۋە خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلسا بولىدۇ. خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى توشۇش بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە يېقىن ئەتراپىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە تاپشۇرسا بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئامما تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن پاش قىلسا بولىدۇ: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
(1) ‹‹110›› ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون بېرىش ياكى تەۋەلىكىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تېلېفون بېرىپ پاش قىلىش؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(2) تەڭرىتاغ ساقچى تورى (جامائەت خەۋپسىزلىكى باش تور بېكىتى) ئارقىلىق پاش قىلىش؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا خەت – چەك ئارقىلىق پاش قىلىش؛ ئىز تورى www.iz.la
(4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىغا يۈزتۇرا پاش قىلىش. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6 – ماددا ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ۋە پاش قىلغان يىپ ئۇچى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، پىرىنسىپ جەھەتتە تاپشۇرۇۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇكاپاتلايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالغان بۇيۇمنىڭ تۈرى، مىقدارى، يىپ ئۇچىنىڭ رولى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئاممىنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپاتلايدۇ. مۇكاپاتلاش خىزمىتىدە پىرىنسىپ جەھەتتە بىر ئىشقا بىر مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ تەكرار مۇكاپات بېرىلمەيدۇ؛ لېكىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى تەھقىقلەپ پاش قىلىشتا ئالاھىدە زور رول ئوينىغان، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بولسا، مۇكاپاتلاش قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ.
7 – ماددا خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ۋە خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا ئائىت يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان ئاممىنى مۇكاپاتلاش خىزمىتى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئالاھىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بولسا، ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ؛ تاپشۇرغان بۇيۇمى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ياكى پاش قىلغان يىپ ئۇچى تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى ئىسپاتلانمىسا مۇكاپاتلانمايدۇ؛ ئىمزاسىز پاش قىلىپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولمىسا، مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ھالقىسى مەخپىيەت مەزمۇنىغا چېتىشلىق بولغان بولسا، ئاممىنىڭ مۇكاپاتلاش ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراش ئىشلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
8 – ماددا پاش قىلغۇچى مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، مۇكاپاتنى ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىغا ئاساسەن ئېلىۋالىدۇ، باشقىلارنىڭ ئېلىۋېلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ؛ قەرەلىدە ئېلىۋالمىسا ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
9 – ماددا مۇكاپاتقا ئېرىشىش مەقسىتىدە، خەتەرلىك بۇيۇملار، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئوغرىلىغان ياكى پاش قىلىش نامى بىلەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان، باشقىلارغا يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇش ھەمدە تارقىتىش، دېلو ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. copyright by www.iz.la
10 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پاش قىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پاش قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، تەشۋىق قىلىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق خىزمەتلەردە پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. www.iz.la
11 – ماددا بۇ چارە 2014 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
