ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنى 18-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەمدە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. www.iz.la
يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قوش يىل كۆرگەزمىسى مەملىكىتىمىز قاتناشتۇرغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، كۆرگەزمە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەسەرلەرنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق قوش يىل كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، كۆرگەزمە تېمى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تاماملىناي دەپ قالغان. 25-ئىيۇن سائەت 11:00 دە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 5-نومۇرلۇق سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلىنىش مۇراسىمىنى تەڭرىتاغ تورى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىدىكەن.
بۇ قېتىملىق قوش يىل كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو، ئامېرىكا، گىرېتسىيە، تۈركىيە، نىپال، ھىندىستان، بۇلغارىيە، سۇرىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۇنىس، ئىران، ئىتالىيە، كورىيە، كانادا، ئىراق، قىرغىزىستان، كرودىيە قاتارلىق 18 دۆلەتنىڭ سەنئەتكارلىرىنىڭ 167 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن.
www.iz.la
ئىگىلىنىشىچە، تەشكىلىي كومىتېت ئىشخانىسى 300 مىڭ پارچە بېلەت باسقان بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرىمۇ جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق، پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولالايدىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە مەدەنىيەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازا رىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
