app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ۋاقتى:2014-06-18 17:58مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا سۆز قىلماقتا
 
    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش›› ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 17 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما پېيخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەبىئەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ قانۇنىيىتى›› شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەشچان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، پۈتكۈل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ما پېيخۇا ئاپتونوم رايوننىڭ باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە بازارلاشتۇرۇپ سۇ تېجەش سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تۈر خىزمىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىغا تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە باشتىن – ئاخىر ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. مۇئاۋىن رەئىس ما پېيخۇا داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىم تىپىدىكى رەھبەر، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرى يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرىمىز. بۇ قېتىم ئۇنىڭ گۇرۇپپىغا باشلامچىلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىكتە رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتمە، تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە

    ئاپتونوم رايوننىڭ  مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىغا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى . ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ سىيى ، ئاپتونوم  رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونى كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوڭ شىنگۇاڭ ھەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى .

ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورى www.iz.la

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس