app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭنىڭ دۆلەت سەنئەت فوندى ياردىمى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ۋاقتى:2014-06-13 12:12مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 10 – ئىيۇن مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 – ئىيۇن دۆلەت سەنئەت فوندى ياردىمى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغان، 1 – ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئىلكىدىكى، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەر دۆلەت سەنئەت فوندى تورىغا كىرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، دۆلەت سەنئەت فوندى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى فوند بولۇپ، مەبلىغى ئاساسلىقى مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇن بويىچە تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇلتۇر دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەت سەنئەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى رەسمىي قۇرۇلغان ھەمدە مۇدىرىيەت يىغىنى، باشقۇرۇش مەركىزى، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن تەشكىللىك باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان، نۇقتىلىق تۈردە سەنئەت ئىجادىيىتى، تەشۋىقاتتا كېڭەيتىش، يىغىش – ساقلاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق 4 يۆنىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سەنئەت ئىجادىيىتى فوندنىڭ ئاساسلىق قوللاش ئوبيېكتى ئىكەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس