app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى 2014 – يىللىق يازلىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ۋاقتى:2014-07-01 12:04مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى 30 – ئىيۇن 2014 – يىللىق يازلىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خەن يۇڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

    خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي ۋە تارماقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئۇلارغا تايىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

    خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ، سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىلىي جەھەتتىن رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارسىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇشنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆزىنى دەڭسەپ، ئۇنى نىشان قىلىپ ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كەنت قۇرۇلۇشىغا سىجىل كۈچەپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋە بەنزە ئەزالىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەش، ئاجىز، بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈرەش ئىستىھكامىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قىلىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ياخشى كىشىلەردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش، كۆڭۈلنى ئۇتۇپ، ئادەمنى ئېلىپ قېلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەمكىن بولۇش، ياخشى ئىشلەش، ئۈمىدۋار بولۇش رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس