app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

ۋاقتى:2014-06-30 16:32مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 29 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت تارماقلىرى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت چوڭ ئەندىزىسىنى بىللە شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە، تەلەپلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ياخشى روھىي ھالەت بىلەن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئۆز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۇشى كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ‹‹بىر تاختا شاھمات››تەك چوڭ تەشۋىقات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خىزمەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ‹‹بىر تاختا شاھمات››لىق ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى تارماقلىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى قۇرۇلۇش، ئۇل قۇرۇلۇشىنى ئورتاق چىڭ تۇتۇشى كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئاساسىي خىزمەتنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بازىنى ئورتاق چىڭ ساقلاپ، تور جامائەت پىكرى جېڭىنى ئورتاق ياخشى قىلىپ، تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس