ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تۇنجى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولغان كۇچا – ئاقسۇ – مارالبېشى – قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ يىل رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈلۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېرى كەڭ بولسىمۇ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەمچىل رايونغا كىرىدۇ، ئېلېكتىر تورىدا ئۇزاققىچە توك قىس بولۇپ، توك ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويۇپ كېلىنگەنىدى. ئېلېكتىر تورىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم ئايلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل كۇچا – ئاقسۇ – مارالبېشى – قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى قارار قىلدى، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قەشقەر ۋىلايىتىگىچە ئۇزارتىلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
