ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
گىرېتسىيە زۇڭلىسى ساماراسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئافېناغا كېلىپ ، گىرېتسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى . لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېن خۇڭمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە يېتىپ باردى . ئىز تورى www.iz.la
ساماراس ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ، لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى چېن خۇڭنى قارشى ئالدى ھەمدە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھەربىي ئوركېستر جۇڭگو-گىرېتسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىدى . لى كېچياڭ ساماراسنىڭ ھەمراھلىقىدا چاسا ئەترەتنى كۆزدىن كەچۈردى .
ئىز تورى www.iz.la
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۇزۇن تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مىسىلسىز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى . ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى . مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى ، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
جۇڭگونىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زو شاۋلىمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
زىيارەت مەزگىلىدە ، لى كېچياڭ گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ، زۇڭلىسى ، پارلامېنت باشلىقى ۋە يەرلىكلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ، جۇڭگو-گىرېتسىيە دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ، جۇڭگو-گىرېتسىيە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەكشۈرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
لى كېچياڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن ، ئەنگلىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گىرېتسىيەگە يېتىپ كەلگەن . لوندوندىن ئايرىلىدىغاندا ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى .
www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


