app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

ۋاقتى:2014-06-18 19:01مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسى 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى
 
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ، ھاۋا ئارمىيەسى 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ، بارلىق ۋەكىللەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى .

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 لاردا ، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى ، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش-سادالىرى ياڭرىدى . شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن ، مۇھىم سۆز قىلدى . ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىمقى ھاۋا ئارمىيەسى پارتىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت . مەن سىلەر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەرەققىياتلاردىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇم . ھازىر نىشان ئېنىق بېكىتىلدى ، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، مۇھىم ھالقا ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قالدى . كۆپچىلىك قېقىلغان مىختەك روھنى جارى قىلدۇرۇپ ، قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس