app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

ۋاقتى:2014-06-17 12:02مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 16-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئېچىلدى . يىغىنىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى . كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى : 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە داۋاملىق قاراپ چىقىش ؛ گوۋۇيۈەننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن رايونلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تېز سۈرئەتتە قارار چىقىرىش تەرتىپى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىگە ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ؛ گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسنېيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيەلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ›› نىڭ تەكلىپ لايىھەسى ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسنېيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى ۋە سودا ئىشلىرى ئەدلىيەلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ›› نىڭ تەكلىپ لايىھەسى ؛ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسنېيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ›› نىڭ تەكلىپ لايىھەسى ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ باشقۇرۇش شەرتنامىسى ›› نىڭ تەكلىپ لايىھەسى ؛ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ››نىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش .

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس