ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
30–ئىيۇن سائەت 18:30 دە ، دالىيەن يۆلىن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى جىنجۇ يېڭى رايونى لۇئەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئەتراپىدا گورىزونتال يۆنىلىشلىك بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ، جۇڭگو نېفىتى شىندا 1–لىنىيەسىدىكى ماي يوللاش تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ ، ئېقىپ چىققان خام نېفىت پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسىغا كىرىپ ، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن . ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، داليەن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تېز سۈرئەتتە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ ، نەق مەيداندىكى خام نېفىت ئاققان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى كىلاپاننى ئەتكەن . ئوت مۇداپىئەسى ، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار كەسپىي ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنى تەشكىللەپ ، نەق مەيداندا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلغان ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان . 1–ئىيۇل سەھەرگىچە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان ، ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
