app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۈ سەيخۇغا پارتىيەدىن چىقىرىش چارىسى كۆرۈشنى قارار قىلدى

ۋاقتى:2014-07-01 12:09مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30 – ئىيۇن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ‹‹شۈ سەيخۇنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى›› ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام چارىسى نىزامى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۈ سەيخۇغا پارتىيەدىن چىقىرىش چارىسى كۆرۈپ، ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھوقۇق بەرگەن ھەربىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 15 – مارت پارتىيە ئىنتىزام چارىسى نىزامىغا ئاساسەن شۈ سەيخۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى قارار قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۈ سەيخۇنىڭ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكى، بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق پارا ئالغانلىقى؛ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەم پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: شۈ سەيخۇنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى قىلچە يۈز خاتىر قىلماي جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئادەم ھوقۇقىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن، ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە ئىنتىزامىغا، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلا بولسا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، كۆڭۈلچەكلىك، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان قوراللىق گۇرۇھ بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدە چىرىكلەشكەنلەرگە قەتئىي ئورۇن يوق، ئارمىيە ئىچىدىمۇ چىرىكلەشكەنلەرنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيەلىك كادىرلارغا، بولۇپمۇ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلارغا بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. ئىز تورى www.iz.la

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئارمىيەسى ئىزچىل پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچلىك قوشۇنى. ئارمىيەنىڭ ئىدىيە ۋە سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنى پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئېسىل ئىستىلىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك، قەتئىيلىك ۋە ئىدىيە – ئەخلاق پاكلىقىنى ئىزچىل ساقلاپ، قىسىمنىڭ مەركەزلىك بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس