ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ياپونىيەنىڭ F-15 كۈرەشچى ئايروپىلانى جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانىنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ ئەگەشمەكتە. 12-ئىيۇن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىڭكې شاڭشياۋ بېيجىڭدا:‹‹ئېلىمىز دۇڭخەي دېڭىزىدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى قۇرغاندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى بۇ يەردە توختىماستىن خەتەرلىك قىلمىشلاردا بولۇپ، ھاۋادا نورمال چارلاش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا ئەگەشتى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزدى. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ خەتەرلىك قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى ۋە ئىزچىل تۈردە سەۋرچان بولدى. قوللىنىلغان بارلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولۇپ، خەلقئارادا ئېقىۋاتقان قائىدە-يوسۇنلارغا مۇناسىپ كېلىدۇ›› دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلان
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى بەك ياخشى
2011-يىلى 16-ئۆكتەبىر، ياپونىيە ئىباراكى-كېندا، ياپونىيە ئاۋىياتسىيە مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ F-15 كۈرەشچى ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلىنماقتا [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
