app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شى جىنپىڭ مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى

ۋاقتى:2014-06-25 10:58مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى 
 

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالايشىيا بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قارايدۇ . ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، چوققا قاتلام لايىھەسىنى ئوبدان ئىشلەپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئوبدان پىلانلاپ ، جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك . ئىز تورى بەك ياخشى

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق ، دوستانە مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، مەن يېقىن ، سەمىمىي ، مېھرىبان ، كەڭ قورساق بولۇشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، ئورتاق ، ئۇنىۋېرىسال ، ھەمكارلىشىدىغان ، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن ، تېخىمۇ يېقىندىن قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ، 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن . بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇكى ، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق بىللە تۇرۇشنى ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ . كېلەر يىلى مالايشىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ ، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئاكتىپ قوللايدۇ ، مالايشىيا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ، جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ . ئىز تورى www.iz.la

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : بۇ يىل 3-ئايدا ، مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 تىپلىق يولوچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى ، بۇ تولىمۇ بەختسىز ۋەقە بولدى .مەن مالايشىيا تەرەپنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ماسلىشىپ ، دائىملىق ئىزدەش ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ تېزرەك دېرىكىنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس