ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئىيۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن كۆرۈشتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئەنئەنىۋى دوستلاردىن ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىدۇ ، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە ئۆرنەك قىلىشىدۇ . ماركو پولو ، رىككى قاتارلىقلار شەرق ، غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان . ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، مۇھىم شېرىكلەردىن بولۇپ قالدى . بۇ يىل جۇڭگو-ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ، كېلەر يىلى جۇڭگو-ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا . مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىسلاھات ئىدىيەلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك . 2015-يىللىق مىلان دۇنياۋى سودا يەرمەنكىسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش ، سىجىل شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك . يەرلىك ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ، مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىقنى كۈچەيتىپ ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورى www.iz.la
