app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

ۋاقتى:2014-06-18 18:56مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 16-ئىيۇن، ليۇ ينۈشەن دۇبلىندا ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس بىلەن كۆرۈشتى copyright by www.iz.la

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

 ئېرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 15-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە ئېرلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى ، ئۇ ئېرلاندىيە پايتەختى دۇبىلىندا ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس ، ئېرلاندىيە زۇڭلىسى ، بىرلىك پارتىيەسىنىڭ داھىيسى كېننى ، ئېرلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە سودا مىنىستىرى ، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى جىرمو قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى .

ئىز تورى www.iz.la

    ليۇ يۈنشەن زۇڭتۇڭ خىگگىنس بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىگگىنسقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى . ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل ساغلام ، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئەينەك بولۇشتە كۆپ قاتلاملىق ئالاقە ۋەزىيىتىنى شەكللەندۈرۈپ ، ئوخشىمىغان زېمىن ، تۈزۈلمە ، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، دوستانە ھەمكارلىشىشىنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلاندى . مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئەينەك بولۇش دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق . ئېرلاندىيە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ‹‹سابۇن››، ‹‹يېتس ›› قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان . جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ ئېرلاندىيە خەلقىگە پىششىق بولۇپ كەتتى . جۇڭگو تەرەپ ئېرلاندىيە تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيەنىڭ ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ . www.iz.la

    زىيارەت مەزگىلىدە ، ليۇ يۈنشەن دۇبلىن كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ، يەنە ياۋروپا رايونى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى . ئۇ يەنە شۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى . ليۇ يۈنشەن يەنە ئېرلاندىيە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى ، شۇ يەرلىك كارخانىچىلار بىلەن پىكىرلەشتى ھەمدە ئېرلاندىيەدە مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

17-ئىيۇن ، ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيە زۇڭلىسى ، بىرلىك پارتىيەسىنىڭ داھىيسى كېننى بىلەن كۆرۈشتى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

16-ئىيۇن ، ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە سودا مىنىستىرى ، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى جىرمو بىلەن كۆرۈشتى
 
15-ئىيۇن ، ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
 
15-ئىيۇن ، ليۇ يۈنشەن ياۋروپا رايونى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس