app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 23-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

ۋاقتى:2014-06-27 16:59مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 26-ئىيۇن ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېكۋادور گۋىنيەسىنىڭ پايتەختى مالابودا ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 23-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلگراممىسى يوللاپ ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

     شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئافرىقا ئىتتپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسى ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكالرىقىنى كۈچەيتىش ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، رايونلار تىنچىلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى . شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز–ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ ، ئىتتىپاق ، كۈچلەنگەن ئافرىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ تىنچلىق تەرەققىيات يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ، ئافرىقىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئىشلىرى ئىككى مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ بەخت سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتپاقلىقى ، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ، مەيلى خەلقئارا جەمئىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىنەزەر جۇڭگو مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي شېرىكى بولىدۇ ، نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقى مىسلىسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى ، جۇڭگو راستچىل ، ھەقىقىي ، قىزغىن ، سەمىمىي بولۇش قارىشى بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرىدۇ . ئىز تورى www.iz.la

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس