ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 5–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 لەردە ، بېيجىڭ جيەنگومىن كۆۋرۈكىنىڭ غەربىدە نومۇر تاختىسى يوق بىر قارا رەڭلىك ‹‹ ئاۋدى ›› ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ساقچىنى سوقۇۋەتكەن . قاتتىق سوقۇلۇشتىن بۇ ساقچى 10 مېتىر يىراقلىققا قاڭقىپ چۈشۈپ ، پۈتۈن بەدىنى قان بىلەن بويالغان . ساقچى ئاپتوموبىللىرى ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ، قوراللىق ساقچىلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا كېلىپ ، چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىچكى ئاپتوموبىل يولىنى قامال قىلىپ ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى www.iz.la
www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
