app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى تەتبىقلايلى

ۋاقتى:2014-06-20 12:28مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
تەكلىپلىك ئوبزورچىمىز شىن ۋېيمىن

    تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئىستىل تۈزەش روھىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىك پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا تونۇش – تونۇيالماسلىق، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى تېپىش – تاپالماسلىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يېقىندا ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېچىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    1 . رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹بىرىنچى قول›› مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تېپىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەنقىدنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ ۋە قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكتىن ‹‹ئۆزىگە پىكىر بېرىش، دىققەتنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈش››نى تەلەپ قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنى ئاۋازسىز بۇيرۇق بىلەن ئىدىيەدىكى بوپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە يېتەكلىشى، ئۆزىنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا تاشلاپ، مەسىلىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    2 . دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەنى دىققەتنى سىياسىيدا قەتئىي بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىدە ئېغىپ كەتمەي، خىزمەت مەسىلىسىنى سىياسىيدا قەتئىي بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنىڭ ئورنىغا، بەنزە مەسىلىسىنى شەخسىي مەسىلە ئورنىغا، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىنى ئايرىم مەسىلىنىڭ ئورنىغا، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى مەركىزىي مەسىلە ئورنىغا دەسسەتمەي، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش، ناچار ئىستىلغا ‹‹ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش››كە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    3 . ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىشىكنى ھەقىقىي ئېچىۋېتىش، چوڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈزلەشتۈرمەي پىكىر ئېلىش، يۈزتۇرا پىكىر ئېلىش، چاقىرتىپ پىكىر ئېلىش، ئالدىغا بېرىپ پىكىر ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئاممىنى رازى قىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    4 . كەسكىن تەنقىدلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، پىكىرنى ئەندىشىسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىنىڭ يېغىرىغا تېگىشتىن قورقماي، ھەم ئەيىبىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سەمىمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي تەنقىدلەپ، ھەقىقىي تەنقىدلەش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ‹‹ئىتتىپاقلىق – تەنقىد – ئىتتىپاقلىق›› مەقسىتىگە ھەقىقىي يېتىش كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

    5 . ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈش، تەكشۈرگەچ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ، تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ، ئىشنى كىچىك ئىشتىن، كونكرېت مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، ھەقىقىي تۇتۇشۇش روھى بويىچە مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى ئۈزلۈكسىز ھېس قىلدۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ياخشى باشلىنىپ، ياخشى ئاخىرلىشىشىغا، ياخشى ئىشلىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    6  . قاتتىق نازارەت قىلىپ ئەمەلىي يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيدەكچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى پائالىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دوكلاتلارنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ، كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا كۈچ توپلاپ، بېسىمنى كۈچەيتىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، چالا بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنسېرى ئۆلچەمدە شۇنچە قاتتىق بولۇپ، ۋاقىتنى سۈپەتكە، سۈرئەتنى ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىش كۈچلۈك قورالىنى دادىل قولىغا ئېلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي توغرا تېپىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس