گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى قۇرۇققا مايىل مۆئدىتىل ، يەڭگىل، يۇمشاتقۇچى ( مۇلەييىن) ئۇچۇچان(لەتىپ ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، سۈت ، تۇخۇ ، چۈجە گۆشلىرى ياكى سېرىقياغ ، ھەسەل ، شېكەرلەر بىلەن ئىستىمال قىلىنسا ناھايىتى ياخشى ئۇزۇقلۇق رولىنى ئۆتەيدۇ . گۈرۈچنىڭ سىرتقى يۈزىدە ناھايىتى مۇھىم قۇۋۋەت ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بەك ئاقارتىۋەتمەسلىك ھەم بەك كۆپ ئۇۋۇلاپ يۇماسلىق كېرەك ئەگەر ئالى دەرىجىلىك گۈرۈچنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىۋەرسە ، قان ئازلىق ، (مەرەزى نۇقسانۇددەم ) بىرى-بىرى كىسەللىكى ، قورساققا سۇ چۈشۈش(ئىستىسقا) كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . گۈرۈچنى سۇدا قايناتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلار(ۋېتامىن ب 1) سۇغا چىقىپ كېتىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ۋېتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى پوستىدا مول ، بەزى كىشىلەر تاماق ئەتكەندە گۈرۈچنى بەك كۆپ يۇيۇۋېتىدۇ ، ھەتتا ئىسسىق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم چايقاپ سۈيىنى تۈكۈۋېتىدۇ . يەنە بەزىلەر گۈرۈچنى ئالدى بىلەن قاينىتىپ ، ئۇنىڭ سۈيىنى تۈكۈۋەتكەندىن كېيىن ، ئاندىن تاماق ئېتىدۇ . بۇ ، گۈرۈچنىڭ قۇۋۋىتىنى تۆكۈۋېتىپ ، پەقەت تىرىپىنى يېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . گۈرۈچنى يۇيۇشقا توغرا كەلگەندە ، ئۇنىڭدىكى توپا-چاڭلارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سۇغۇق سۇدا ئازراق چايقىۋەتسىلا بولىدۇ . گۈرۈچنى ئىمكانقەدەر قايناتماستىن دۈملەپ يېگەن ياخشى . گۈرۈچ تاماقلىرىنى گۆش ، كۆكتات بىلەن يېگەن ياخشى . يېڭى گۈرۈچتىن كونا گۈرۈچ ياخشى ھېسابلىنىدۇ . گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ يېيىش ياخشى ئەمەس . تەجرىبىلەرگە قارىغاندا گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى بىللە يېگەن كىشىلەردە دېئابىت كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى .