لەخمە

ۋاقتى:2012-04-12 13:36مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

ئامور سەيخان
(موڭغۇلىيە) copyright by www.iz.la


رادىيودا خەۋەر ئاڭلىتىلىۋاتاتتى، خەۋەردە بىرازىلىيەلىك ئىككى ئوغرىنىڭ بانكىنىڭ ئاستىدىن لەخمە كولاپ 68 مىليون رىيالنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان. بالادان بىلەن داندېل بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدى. 
− بىز قول سالغان بولساق، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پۇلغا ئېرىشەتتۇق، − دېدى بالادان. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان داندېل دەرھال بازاردىكى بانكىغا ماڭدى.
 − ئەخمەق! بۇ بانكىدا قانچىلىك پۇل بار دەيسەن؟ ئەگەر بېرىشقا توغرا كەلسە، پايتەختكە بارايلى، ئۇ يەردە بانكا كۆپ، − دېدى بالادان.
 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، تولۇق قوراللانغان ئىككەيلەن ئۇلانباتورنىڭ مەركىزى كوچىسىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئۇلانباتورنىڭ كۆككە تاقاشقان ئېگىز بىنالىرىغا ئۈمىد بىلەن تىكىلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 − بىنالارغا تولا قاراۋەرمە، باشقىلار گۇمانلىنىپ قالمىسۇن، − دېدى بىرى.
 − بۇنداق ۋالاقلىساڭ باشقىلار بىزدىن تېخىمۇ گۇمانلانمامدۇ؟ − دېدى يەنە بىرى.
 ئۇلار پىلان بويىچە بانكا ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئالدى. 
 − يەنىلا مەن ئىشىككە قاراي، سەن گۈرجەكنى ئېلىپ لەخمە كولىغىن، − دېدى داندېر.
 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ «ئۇلۇغ قۇرۇلۇشى» باشلاندى، پىلان ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىۋاتاتتى، 20 كۈنگە قالماي لەخمە كولىنىپ بولدى. ئۇلار خەيرلىك بىر كەچنى تاللاپ لەخمە ئارقىلىق بانكىغا كىرىپ 68 مىليون تۈگرىكنى تاغارغا قاچىلىدى.
 − ھېلىقى بىرازىلىيەلىكلەردىن كۆپرەك ئېلىشىمىز كېرەك، − ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ، تاغارغا يەنە 1 مىليون تۈگرىك قاچىلىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.
− مېنىڭچە، بۇ پۇللارنى كالا ئېغىلىغا كۆمۈۋېتەيلى، − دېدى بىرى تەكلىپ بېرىپ.
 − بولىدۇ، − دېدى يەنە بىرى. 
 شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇلار رادىيونىڭ يېنىدىن كەتمەي، ئۆزلىرىنىڭ «شەرەپلىك ئىشى» توغرىلىق خەۋەر ئاڭلىماقچى بولۇشتى.
 بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار تەقەززا بولغان خەۋەرنى ئاڭلىيالمىدى. ئۇلار بىر كۈنى توساتتىن «موڭغۇلىيە ۋاقىت گېزىتى»دە مەلۇم پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى باتۇرنىڭ بانكىدىن پۇل بۇلاپ سايلامغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدى. خەۋەر يەنە تېلېۋىزوردىمۇ بېرىلدى. 
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ساقچى ئىدارىسىدا تاغار كۆتۈرگەن ئىككى كىشى پەيدا بولدى. ئۇلار لەخمە كولاپ ئوغرىلىق قىلغان بالادان بىلەن داندېر ئىدى. ئۇلار جىنايىتىنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە تاپشۇردى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاقاھلاپ كۈلگىنىچە:
− سىلەرنىڭ ئىزچىل باتۇر باشچىلىقىدىكى پارتىيەنى قوللايدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن، لېكىن ئۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بانكا بۇلىغانلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىردى، ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىشىڭلار ھاجەتسىز! − دېدى.  
ئىككەيلەن روھسىز ھالدا ساقچى ئىدارىسىدىن قايتىپ چىقتى. ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
83.3%
ناچار
(2)
16.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سۈيقەسىت

    ھېكايە -سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ . -نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ب...

  • مىلىيونېرىغا ئايلانغان مۈشۈك

    ئىتالىيەدىكى 4 ياشلىق بىر مۈشۈك ئىگىسىنىڭ 10مىليون ياۋرو قىممىتىكى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، دۇنيادىكى ئەڭ باي مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. توماس ئىسىملىك بۇ مۈشۈك خىلى بىر چاغلارغىچە، رىمنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كىيىن تەلىيىگە...

  • ئانا مىنى كەچۈر

    ئانا، مېنى كەچۈر ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەنت يولىدا لىق سېۋەت بېسىلغان كىچىك كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىككى تەرىپىگە ئېغاڭلىغىنىچە نورمال سۈرئەتتە شىمالغايېزا مەركىزىگە كېتىپ باراتتى. كوزۇپتىكى سېۋەتلەرگە لىق قىدە ئۆرۈك قاچىلانغان ب...

  • مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ

    ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا، ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر، جېدەل- ماجرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەر تەرەپنىڭكىنى ئاڭلىسا، ھەممە گۇناھ ئايالدىدەك، ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ ئەر بارىلىق جېدەل- ماجرانىڭ جاۋابكارىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز...

  • ئۆچكەن تەبەسسۇم

    جىيەن فىڭ تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇملىرىمنى ئويلاپ قالدىم. بىلمىدىم، قاچاندىن بۇيان بۇ خىل تەبەسسۇملىرىم يوقاپ كەتتىكىن؟ ئېنىق ئېسىمدە، ئىلگىرى بۇ خىل كۈلكە-تەبەسسۇم كىشىنىڭ زوقىنى ك...

  • يامغۇردىكى تۇنجى مۇھەببەت

    ياخشىمۇسەن قەدىرلىكىم. بىز تۇنۇشقان ئاشۇ كۇن ئىسىڭدىمۇ؟ تاساددىبىلا تۇنۇشۇپ قالدۇق. گەرچە ئەتتىگەندە ئويدىن كۇڭلۇم ئىنتايىن غەش ھالدا چىققان بولساممۇ. سەن بىلەن بىرگە ئايلىنىپ.پاراڭلىشىپ يۇرۇپ روھىم خېلىلا كۇتۇرۇلۇپ قالغانىدى. سەن ماڭا ناھايتى خۇشخۇيلۇق ب...

  • تەقدىم

    بۇرۇن بىر ئادەم بولغانىكەن،بىر كۈنى ئۇ قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاشلاندۇق بىر ئەسكى ئۆيگە كېلىپ قاپتۇ،خېلىدىن بېرى ئادەم تۇرمىغاچقىم...

  • تۇخۇم دىلوسى

    ئىككى دوست ساماۋارخانىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرۇشۇپتۇ،سۆز ئايلىنىپ كېلىپ،ئاياللارنىڭ سىر ساقلىيالماسلىقىدا توختاپتۇ،بىرى دەرھال ئېتىراز بىلىدۈرۈپ؛ -مەن ئايالىمغا ئىشىنمەن،سىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتمايدۇ-دەپتۇ. مۇنازىرە قىزىپتۇ،شۇندا ئىككى دوست مەسلىنى باشقىچە ھەل...

  • سۆيۈنچە ئۆستۈرۈش

    بىر باي سەيلە قىلىۋاتقاندا ئىتى يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىت ئىزدەش ئېلانى چاپلاپ، ئىتىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئېلان چاپلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىت ئەكەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئە...

  • بەخت ئىزدەش

    گەرچە ئۇ قىز بىلەن تېلېفۇندا كۆرۇشۇپ كېلىۋاتقىلى بىرەر يىلغا يىقىنىلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تېخىچە بىرەر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۇشۇپ باقمىغان ئىدىم شۇڭا ، ئۇنىڭ بۈگۈنىكى گېپى مىنى قاتتىق ساراسىمغا سېلىۋەتتى . - ئەتە كەچ سائەت سەككىزىدە ئېقىن دەريا ئارا...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • ئالدىرماي تۇرۇڭ،سىزگىمۇ كېلىدۇ بۇ قېرىلىق

    بىر شەھەردە 100ياشقا كىرگەن،چىرايى ئۆزگەرگەن،بېلى پۈكۈلگەن بىر كشى بار ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قېرى كىشى مۈكچىيىپ كېتىۋاتسا،بىر يىگىت ئۇنى كۆرۈپ چاقچاق تەرىقىسىدە سوراپتۇ؛ -ئەي بوۋا،ھاسىنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز،قەيەردە ساتىدىكەن؟ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،مەنمۇ ب...

  • مۇھەببەت سىنىقى

    ھېكايە ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ كۆڭۈلنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەن تاللاشلار ئەڭ خاتا تاللاشتىن ئىبارەت. ئۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھىجران ۋە ئەلەملەرنى پەيدا قىلىدۇ. ـــ خاتىرەمدىكى كۆچۈرمىلەردىن. يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر قەيسەرنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىد...

  • كەڭ قورساقلىق(ھىكايە)

    بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ...

  • ئاددىي ئادەم

    (ھېكايە) ماردىكا(ئامېرىكا) بىر موماي يېڭىلا ياغقان قارنى غاچىرلىتىپ دەسسەپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئاۋات بۇ كوچىسىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايتتى. سەل دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ كىيىم يوقلۇقىنى، قارنى يالاڭئاياغ دەسسەپ كېتى...