ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كازافىنىڭ ئوغلى سەيف لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدىكەن

2012-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
  كازافىنىڭ ئوغلى سەيف ( ماتېرىيال سۈرەت )    جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-ئاپرېل تېلېگراممىسى : لىۋىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 9 - ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافىنىڭ ئوغلى سەيف لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدىغان بولۇپ، لىۋىيە دائىرلىرى 6- ئايدىكى پارلامېنت
  
 
كازافىنىڭ ئوغلى سەيف ( ماتېرىيال سۈرەت )

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-ئاپرېل تېلېگراممىسى : لىۋىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 9 - ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافىنىڭ ئوغلى سەيف لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدىغان بولۇپ، لىۋىيە دائىرلىرى 6- ئايدىكى پارلامېنت سايلىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، سەيف زىنتان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قامالغان بولۇپ، بىر نەچچە ئايدىن بۇرۇن، زىنتان قوراللىقلىرى ئىزچىل تۈردە سەيفنى لىۋىيە دائىرلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. لېكىن، لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيف 10 كۈن ئىچىدە لىۋىيە دائىرلىرىغا  تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن، لىۋىيە 6- ئايدا پارلامېنت سايلىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

   لىۋىيە دائىرلىرى سوت قىلىشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتمىغان، ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ بۇرۇن بولغاندا موشۇ ئايدا سوت قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە يەنە سەيفنىڭ لىۋىيە ھەربىي سوتىدا سوتلىنىدىغان ياكى سوتلانمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.

   سەيفنىڭ لىۋىيەدە سوراق قىلىنىشى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!