
8-ئاپرېل، دوڭساڭلى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارتىلغان، ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان ‹‹سامانيولى-3›› تىپلىق راكېتا
شىنخۇا تورى 13-ئاپرېل تېلېگراممىسى: كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن(13-ئاپرېل)، ‹‹چاۋشيەن بۈگۈن پيۇڭئان-بۇكدو دوڭساڭلىدىكى يېڭى ياسالغان قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بىر راكېتانى قويۇپ بەردى››، دېگەن. ئەمما، مۇخبىر ماقالىنى ئېلان قىلغۇچە چاۋشيەن تەرەپتىن ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر كەلمىگەن.
كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى:‹‹ چاۋشيەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7دىن 39 مىنۇت(بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6دىن 39مىنۇت) ئۆتكەندە ‹‹سامانيولى-3›› تىپلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان راكېتانى قويۇپ بەردى›› دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ‹‹چاۋشيەننىڭ راكېتاسى قويۇپ بېرىلىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن›› دەپ قارايدۇ، دېگەن.
يەنە باشقا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئەمەلدارلىرىمۇ ‹‹راكېتا قويۇپ بېرىلىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا مەغلۇب بولغان›› دېيىشكەن.
چاۋشيەن كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 12-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە ‹‹سامانيولى -3›› تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ‹‹نۇرلۇق يۇلتۇز-3››نى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان.

13-ئاپرېل، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چاۋشيەن بۇ كۈنى پيۇڭئان-بۇكدو دوڭساڭلىدىكى يېڭى ياسالغان قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بىر راكېتانى قويۇپ بەردى، دېدى

قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق ئورنى. 8-ئاپرېل، چاۋشيەن چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق ئورنى ۋە ‹‹نۇرلۇق يۇلتۇز-3›› سۈنئىي ھەمراھ مۇنارىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى

قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان ‹‹نۇرلۇق يۇلتۇز-3›› ناملىق يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى






