ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ توقۇنۇشى تېخىمۇ كە...

2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
9-مارتتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە بىلەن گازا رايونىنىڭ توقۇنۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى گازا رايونىنى پارتلىتىپ، يۈزگە يېقىن كىشى ئۆلۈپ يارىلاندى. گازا رايونىدىكى پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى جەنۇبقا 200 دىن ئارتۇق راكىتامىيۇت ۋە زەمب
  

9-مارتتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە بىلەن گازا رايونىنىڭ توقۇنۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى گازا رايونىنى پارتلىتىپ، يۈزگە يېقىن كىشى ئۆلۈپ يارىلاندى. گازا رايونىدىكى پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى جەنۇبقا 200 دىن ئارتۇق راكىتامىيۇت ۋە زەمبىرەك ئوقى ئاتتى. مىسىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، 13-مارت سەھەردە ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، ۋەزىيەت بىر ئاز ياخشىلاندى. شىنخۇا ئاگېنتىلىقىنىڭ مۇخبىرى 14-مارت جەنۇبتىكى راكىتامىيوت ئېتىلغان ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدە ئولتۇرۇشلۇق لىيا«گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانغاندا، بىزنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۆڭكۈرىگە كىرىشىمىزگە 30 سىكۇنت ۋاقىت بار » دېدى. لىيا ئاشكېلون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ، توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، نەچچە ئون راكىتامىيود گازا رايونىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا ئېتىلدى. مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلدى، سودا پائالىيەتلىرىمۇ توختىتىلدى. «ھاۋا ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۆڭكۈرىگە قاراپ يۈگۈرەش»-يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. لىيا دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئەپسۇسلانغان ھالدا: گۈدۈك ئەتىگەندىن كەچكىچە چېلىنىدۇ، بىز توختىماي بارلىق بىمارلارنى ئۆڭكۈرگە ئەكىرىپ، ئېلىپ-چىقىپ تۇرىمىز.»دېدى.

2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى گازا رايونىغا قارىتا «قوغۇشۇن تاۋلاش» ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن گازا بىرەسمىي ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىدە ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارىلاپ توقۇنۇش بولدى، بۇ قېتىمقىسى «قوغۇشۇن تاۋلاش» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئارىلاپ، بەزىدە ئاز بەزىدە كۆپ بولغان راكىتامىيوت ئۇدا نەچچە يىل بۇ يەرگە ئېتىلدى. يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم «جەڭ رايونىدىكى ئالاھىدىلىكلار شەكىللەندى. لىيا مۇنداق دېدى:بىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىمىز چوڭ بىر ئۆي، كىچىك بالنىست يوق. پەقەت لاتا بىلەن توسۇپ قويىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى گۈدۈك چېلىنغاندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىق بىمارلارنى يۆتكەش ئۈچۈن.»

جەنۇبتىكى شەھەر بازارلار گازا بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق يېقىنلىقىغا ئاساسەن، يېزا ئاھالىلىرى گۈدۈك چېلىنغاندىن كېيىن 10 سىكۇنتتىن 45 سىكۇنتقىچە يېقىن ئەتراپتىكى ھاۋا ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۆڭكۈرىگە كىرىۋالىدۇ. ئويلاپ بېقىڭە، 30 سىكۇنت ئىچىدە مەن 4 بالامنى، چوڭلاردىن ئىككىسىنى، يەنە ئۆي ئەرمىكىمنى ئۆڭكۈرگە بىر كۈندە نەچچە قېتىم يۆتكەپ ئاپىرىمەن. 30 سىكۇنت ۋاقىت نېمىدىگەن قىسقا ھەم جىددىي.

12-مارت چۈشتىن كېيىن، بىر راكىتامىيوت ئاشكىلون شەھىرىكىنىڭ مەركىزىگە چۈشۈپ، بىر ئادەم يارىلاندى. ئەتراپتىكى كوچا، ماشىنا، دۇكانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، مۇخبىر نەق مەيداندا راكىتامىيوتنىڭ يول ياقىسىغا چۈشۈپ، سىمونت گۈللۈكنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى، ئەتراپتىكى دۇكان ۋە ئۆيلەرنىڭ 3-قەۋىتىگىچە بولغان دېرىزىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. راكىتامىيودنىڭ ئۇچىدىكى پولات شارەكنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ زور بولغاچقا، يۇمىلاق شەكىلدىكى پارتلاش ئىزلىرى ئەڭ روشەن ئىدى. «بىراق مەسىلە قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگىنى ياكى قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولغىنىلا ئەمەس، بەلكى مەيلى ئىسرائىلىيەلىك ياكى گازا رايونىدىكى كىشىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى. گازا رايونىغا 2 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاشكېر كەنتىدىكى كالور مۇخبىرغا:ھېچكىم ئۇزۇن مەزگىل ۋەھىمە ئىچىدە ياشىيالمايدۇ دېدى. كالور 30 يىل بۇرۇن ئامېرىكىدىن ئىسرائىلىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئاشكېر كەنتىدىكىلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۆڭكۈرىگە كىرىش ۋاقتى پەقەت 10 سىكۇنت. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، بىر زەمبىرەك بۇ يەرگە چۈشتى، كەنتتىكى بالىلار باغچىسى ۋە كالورنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. كالورنىڭ قوشنىسى 4 جان بولۇپ، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئەنگلىيەدىن كۆچۈپ كەلگەنتى، ئۇلار ھازىر ئەنگلىيەگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىپتۇ. مۇخبىر كالوردىن كۆچۈپ كېتىش ياكى ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىش مەقسىتى بار يوقلۇقىنى سورىغاندا، ئۇ:«بۇ يەر مېنىڭ ئۆيۈم، نەگە كۆچۈپ كېتەلەيتتىم، كەتمەيمەن» دېدى.

ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن گازا رايونىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە مۇخبىر ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر ياشانغان ئايالنى ئۇچراتقانىدى. ئۇ ئايال ئەسلەپ:شۇ يىلى گازا بىلەن ئىسرائىلىيەگە ئەركىن كىرىپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە نۇرغۇن گازا رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئۇ بار كەنتتە ئىشلەيتتىكەن، كەنت ئاھالىلىرى سايلام ئۆتكۈزۈپ، تولۇق ئاۋاز بىلەن گازالىق ئىشچىلارنىڭ كەنتتە ئىشلىشىگە قوشۇلغان، ھەتتا ئوپچە تاماقخانىدا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يەيتتىكەن. بۇ موماي گازا تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«قاراڭ، بۇ يىللاردا نۇرغۇن زەمبىرەك، راكىتامىيوتلار ئېتىلدى، ئاز بىر قىسمى بىزنىڭ كەنتكە چۈشتى، بىز ئىچىمىزدە بۇ يەر ھېلىمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىدىكەن دېدۇق.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!