
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 11- ئاپرېل تېلېگراممىسى : شىنخۇا تورى ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دەمەشىقتىن خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 11- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:سۇرىيە قوراللىق قىسمى شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ قوراللىق تېررورچىلار گۇرۇھى ›› نىڭ جىنايى قىلمىشىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى توختاتتى. شۇ كۈنى، سۇرىيە كرىزىسىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئانناننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك خېتىنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : ‹‹ بىزنىڭ قوراللىق قىسمىمىز قوراللىق تېررورچىلار گۇرۇھىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا زەربە بېرىش ۋە سۇرىيە زېمىنىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، 12- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بۇ تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدۇق ›› .
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتاتقاندا، ئەگەر قوراللىق تېررورچىلار گۇرۇھى خەلققە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ياكى ئاممىۋى ، شەخسىي مال - مۈلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلسا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.
11- ئاپرېل سۇرىيە كرىزىسىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننانىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جەنۋەدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئاننانغا شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاپرېل سائەت 6:00 دىن باشلاپ بارلىق سۇرىيە چېگرىسىدا ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ باياناتچى مۇنداق دېگەن: ئاننان سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ئالتە تۈرلۈك تەكلىپنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 - تۈرلۈك تەكلىپنى ‹‹ ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى توختىتىپ، ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا ، بارلىق شەكىلدىكى قوراللىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ›› ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ ، ئاننان مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
سۇرىيەدە بۇلتۇر 3 - ئايدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەرىكىتى پارتلىغاندىن بۇيان، ۋەزىيەتتە داۋاملىق داۋالغۇش كۆرۈلگەن. بۇ يىل 5 - ئاپرېل ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىس باياناتى ماقۇللاپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننانغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، 10 - ئاپرېلدىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىتىش، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قوللانغان يۇقارقى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 48 سائەت ئىچىدە بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان.