ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ‹‹ ئەلقائىدە ››نىڭ تايانچ بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

2012-يىلى04-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
   شىنخۇا تورى سانا 12-ئاپرېل تېلېگراممىسى: يەمەندىكى بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئاشكارلىشىچە، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 11 - ئاپرېل ئەبيان ئۆلكىسىدىكى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ تايانچ پونكىتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ‹‹ ئەلقائىدە›› نىڭ 18 نەپەر قوراللىق خادىمىنى ئۆلتۈ
  

   شىنخۇا تورى سانا 12-ئاپرېل تېلېگراممىسى: يەمەندىكى بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئاشكارلىشىچە، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 11 - ئاپرېل ئەبيان ئۆلكىسىدىكى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ تايانچ پونكىتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ‹‹ ئەلقائىدە›› نىڭ 18 نەپەر قوراللىق خادىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

   ئەبيان ئۆلكىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ھەربىي ئەمەلدارنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، يەمەن ھاۋا ئارمىيەسى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئەبيان ئۆلكىسى لاۋدار بازىرىغا جايلاشقان تايانچ بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئۈچ مۇداپىئە ئىستىھكامىنى پارتلىتىۋەتكەن ھەمدە ئەلقائىدەنىڭ بىر مۇھىم رەھبىرى ۋە ئۇنىڭ 17 نەپەر قوغدىغۇچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

   ئەبيان ئۆلكىسىدىكى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە: ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى قوللايدىغان قەبىلە قوراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى لاۋدار بازىرى ئەتراپىدا ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ قوراللىق خادىملىرى بىلەن كەسكىن تۇتۇشقان بولۇپ، تۆت نەپەر قەبىلە قوراللىق خادىمى قازا قىلغان.

   9- ئاپرېلدىن باشلاپ، ئەبيان ئۆلكسى لاۋدار بازىرى رايونىدا ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ‹‹ ئەلقائىدە ›› قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئېتىشىشى بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلغان. 11 - ئاپرېل كەچتە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئەبيان ئۆلكىسىدىكى تايانچ بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ ، ئاز دېگەندىمۇ 14 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 10 ئادەم يارىلانغان. ‹‹ ئەلقائىدە ›› ئۇنسۇرلىرى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن 12 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن يەمەننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھەدرەمەۋت ئۆلكىسىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، سەككىز ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .

    2009 - يىلى 1 - ئايدا ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە يەمەندىكى ‹‹ ئەلقائىدە ›› تارمىقى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىنى تەشكىل قىلىپ، ئاساسلىقى يەمەننىڭ جەنۇبىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن . 2011 - يىل 1 -ئايدا، يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە تەسىرى دائىرىسىنى پەيدىنپەي كېڭەيتكەن.

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!