ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئامېرىكىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
  11- ئاپرېل چۈشتە، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستا، بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرى ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كۆچمە بىخەتەرلىكنى قوغداش قاراۋۇلخانىسى ئورناتماقتا    شىنخۇا تورى لوس ئانژېلېس 11 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : 11-ئاپرېل سەھەردە، ئامېرىكىنىڭ
  
 
11- ئاپرېل چۈشتە، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستا، بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرى ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كۆچمە بىخەتەرلىكنى قوغداش قاراۋۇلخانىسى ئورناتماقتا

   شىنخۇا تورى لوس ئانژېلېس 11 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : 11-ئاپرېل سەھەردە، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسى ئەتراپىدا، ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

   لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى  Sara Sutton نىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئېتىشىش ۋەقەسى سەھەر سائەت 1 دە غەربىي ئادامس رايونىغا جايلاشقان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسى ئەتراپىدىكى بىر كوچىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە 20 نەچچە ياشلىق  ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. مەكتەپ تەرەپ بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىغان ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئۇقتۇرغان.

   ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ نۇرغۇن يېرىگە ئوق تەگكەن، شوپۇر تەرەپتىكى ئاپتوموبىل دېرىزىسى چېقىۋېتىلگەن.نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ ئاپتوموبىلنى ئېلىپ كېتىپ جىنايى ئىشلار بويىچە باھالايدىكەن.

   ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنى بىر ئەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، لېكىن ئۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەقى - تۇرقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ئەتراپتىكى رايونلارنى قامال قىلغان . مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە، قاتىل تورغا چۈشمىگەن. 

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!