ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدان
شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاپرېل، مېكسىكا شەھىرىدىن تولۇكاغا بارىدىغان تاشيولدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان، 22 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ تاشيولدا كېتىۋاتقان بىر قوش كوزۇپلۇق يۈك ماشىنىسنىڭ تورمۇز سىستېمىسىدىن كاشلا كۆرۈلگەچكە، كونتروللىقىنى يوقىتىپ، يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ يەردىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسمۇ بار بولۇپ، بۇ ئاپتوبۇس يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.