ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئۇرۇش توختاتتى

2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
     شىنخۇا تورى دەمەشىق 12- ئاپرېل تېلېگراممىسى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاپرېل سائەت 6:00 دىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتقان. شىنخۇا تورى مۇخبىرى شۇ كۈنى پايتەخت دەمەشىق كوچىلىرىدا يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرم
  
 

   شىنخۇا تورى دەمەشىق 12- ئاپرېل تېلېگراممىسى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاپرېل سائەت 6:00 دىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتقان. شىنخۇا تورى مۇخبىرى شۇ كۈنى پايتەخت دەمەشىق كوچىلىرىدا يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نورمال، ھەممە يەرنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. 

    بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋام قىلغان سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇش راستىنلا ئاخىرلاشتىمۇ- يوق؟  كۆپچىلىك بۇنىڭغا دىققەت قىلماقتا.نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پايتەخت دەمەشىقتە ئانچە-مۇنچە ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 10 كۈندىن بۇيان، بۇ يەردە ھېچقانداق ئېتىشىش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن. دەمەشىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەھەرلەردىمۇ ھېچقانداق قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.

    يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ھۇمىس ۋىلايىتى، خاما ۋىلايىتى ۋە ئىدلىب ۋىلايەتلىرىدە ۋەزىيەت ئاللىقاچان تىنجىتىلغان. مەملىكەت بويىچە 3 - چوڭ شەھەر ھۇمىس شەھىرىدە ، گەرچە كىشىلەر كوچىلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قوراللىقلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان.

   مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىس باياناتى ماقۇللاپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننانغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، 10 - ئاپرېلدىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىتىش، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قوللانغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 48 سائەت ئىچىدە بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

   ئانناننىڭ پىلانىغا ئاساسەن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى 10 - ئاپرېل ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىدىكەن ھەمدە شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 دە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

   ب د ت نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 15- مارت سۇرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەرىكەتلىرى پارتلىغاندىن بۇيان، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 9000 دىن ئېشىپ كەتكەن. سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرلۈك توقۇنۇشلاردا 6140 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2566 سى ئەسكەر، خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ساقچىلار ئىكەن.

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!