ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندۇنېزىيەدە تۆت مىنۇت يەر تەۋرىدى 28 دۆلەت چۆچۈپ كەتتى

2012-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
         شىنخۇا تورى جاكارتا 11-ئاپرېل تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن(11-ئاپرېل) سائەت 15:38 ئۆتكەندە، ھىندۇنېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا 8.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.     بۇ قېتىمقى يەر تەۋر
  


  

     شىنخۇا تورى جاكارتا 11-ئاپرېل تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن(11-ئاپرېل) سائەت 15:38 ئۆتكەندە، ھىندۇنېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا 8.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

    بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش سەككىز يىل ئاۋۋالقى دېڭىز شاۋقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەش بىلەن تەۋرەش مەركىزى، دەرىجىسى، مەنبەسى ئاساسىي جەھەتتىن  ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ھىندۇنېزىيە 28 دۆلەتكە دېڭىز شاۋقۇنىدىن مۇداپىئەلىنىش  ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.

   ھىندۇنېزىيە مېتېئورولوگىيە-گېئوفىزىكا ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 28 دۆلەتكە دېڭىز شاۋقۇنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان، ئەمما، نەچچە سائەتتىن كېيىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بىكار قىلغان. ھىندۇنېزىيە مېتېئورولوگىيە-گېئوفىزىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى تېلېۋىزوردا: ‹‹كىشىلەر ئۆيلىرىگە قايتسا بولىدۇ›› دېگەن. بۇ ئىدارىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كۈچلۈك يەر تەۋرەش تەسىرىدە ئۈچ قېتىم دولقۇن ئېگىزلىكى 80 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان دېڭىز شاۋقۇنى كۆرۈلگەن. بۈگۈن سەھەردە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىمۇ ھىندۇ ئوكيان دائىرىسىدىكى دېڭىز شاۋقۇنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى بىكار قىلغان.

   مۇتەخەسسىسلەر ‹‹چوقۇم›› دېڭىز شاۋقۇنى كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىغان

   بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسىنىڭ تەھلىلچىسى تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۆلچەرلەپ، سەككىز بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەندە كۆپىنچە ‹‹چوقۇم›› دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بېرىدۇ، دېڭىز دولقۇنى تۆت ئەتراپقا يامراپ، سائەتلىك سۈرئىتى 800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دېگەن. تايلاند دۆلەتلىك ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش فوندىنىڭ تەھلىلچىسىمۇ مۇخبىرغا ‹‹بۇنداق كۈچلۈك يەر تەۋرەش دېڭىز شاۋقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ‹‹چوقۇم›› تايلاندقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ›› دېگەن.(شىنخۇا تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى)

     مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹يەر تەۋرەش يەر پوستى گورىزونتۇل ھەرىكىتىگە تەۋە، خەتىرى چوڭ ئەمەس››

   ھىندۇنېزىيە ھۆكۈمىتى 28 دۆلەتكە دېڭىز شاۋقۇنىدىن مۇداپىئەلىنى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقاندا، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى(US Geological Survey)نىڭ مۇتەخەسسىسى Bruce Pressgrave ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ:‹‹بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يەر پوستىنىڭ ۋېرتىكال ھەرىكىتىدىن ئەمەس، بەلكى گورىزونتۇل ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا دېڭىز سۈيى كەل كۆلەملىك يۆتكەلمەيدۇ، يەنى، دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس›› دېگەن. ئەنگلىيە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىنىڭ يەر تەۋرەش ئالىمىمۇ ‹‹بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش پاراللېل يۆتكىلىشچان بولۇپ، دېڭىز سۈيى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەلمەيدۇ›› دەپ قارىغان. (شىنخۇا تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى)

   ھازىرچە يارىلانغان، قازا قىلغان جۇڭگولۇقلار يوق

   يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ھىندۇنېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، مېداندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئىشقا سالغان شۇنداقلا يەرلىكتىكى جۇڭگولۇق خادىملار بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە، شۇ يەردىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ئامان-ئېسەن ئىكەن.

   ھىندۇنېزىيە تىنچ ئوكياننىڭ تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ. 2004-يىلى دېكابىردا ھىندى ئوكياننىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.  



 

( مۇھەررىر : ئايگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!