چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 4-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى 11-ئاپرېل پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلمەكتە(چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەن سۈرەت)
شىخۇا تورى پيۇڭياڭ 12-ئاپرېل تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاپرېل پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 4-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، كىم جوڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە پارتىيە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
يىغىندا، كىم جوڭئۇن يەنە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىلىقىغا سايلاندى.