
جۇڭگو ئاخبارات تورى 11 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى.
خۇ جىنتاۋ لياڭ جېنيىڭنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك مەمۇرىي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: سىز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋەزىپىڭىز ئېغىر، بۇرچىڭىز شەرەپلىك. مەركەز ۋە شياڭگاڭ خەلقى سىزدىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. مەركەز سىز ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، شياڭگاڭدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاتلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دېموكراتىيە ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچىدىغانلىقىڭلارغا، ‹‹ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ›› نىڭ شياڭگاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىدۇ. مەركەز ‹‹ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ›› بولۇش، ‹‹ شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش ››تەك يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سىز ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ. ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
لياڭ جېنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە شياڭگاڭدا پۇرسەت ۋە خىرىس مەۋجۈت، مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەر قايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلامدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سالماق قەدەم بىلەن ئىلگىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى مۇئاۋىن رەئىسى لياۋ خۇي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.