ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئايالچە ياسىنىپ ناتوغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تالىبان خادىملىرى تۇتۇلدى

2012-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-مارت خەۋىرى: ئەنگىلىيە كۈندۈلۈك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافغانىستاندىكى يەرلىك ساقچىلار پايتەخت كابۇلنىڭ شەرقىدىكى لاگمان ئۆلكىسىدە تالىباننىڭ ئايالچە ياسىنىۋالغان 7 ئادىمىنى تۇتۇۋال
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-مارت خەۋىرى: ئەنگىلىيە كۈندۈلۈك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافغانىستاندىكى يەرلىك ساقچىلار پايتەخت كابۇلنىڭ شەرقىدىكى لاگمان ئۆلكىسىدە تالىباننىڭ ئايالچە ياسىنىۋالغان 7 ئادىمىنى تۇتۇۋالغان، بۇ كىشىلەر ئەينى چاغدا ش ئا ئە ت ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ش ئا ئە ت بىرلەش ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار قوغداش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي كوماندىرى جون گېنرال بىر تارماق قىسىمنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈن قوغداپ، تالىبان تەشكىلاتىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلايدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئىشخانا بىنالىرىدا ئامېرىكىلىقلار يېنىدا قورال ئېلىپ يۈرسە بولىدىكەن. (نەپرەت)

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!