ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە ، يۇقىرى خولېستېرىن ، قاندىكى ماينىڭ يۇقىرى بولۇشى ، يۇقىرى مىقداردىكى كوففېئىن ئىچكى قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ ، قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن . گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى يەنە قان تەركىبىدىكى كاروتىن ، ۋىتامىن A ۋە سىنىك مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن . شاۋقۇن قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىدىكى ماگنىينى ئازايتىپ ، بۇ ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن . شۇڭا ، دائىم شاۋقۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە مەشخۇلات ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . ئەنگىلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە ، كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D خۇددىي سۆڭەك شالاڭلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانغا ئوخشاش قۇلاق قېتىشىش كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدىكەن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇڭا ، ياشانغانلار كالتسىي ، ۋىتامىن D نى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ بەرسە سۆڭەكنىڭ زىيانغا ئۇچۇرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن . ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچىپ بەرسە قۇلاق كۈمۈچىنى چىڭىتىپ ، قۇلاق ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى پاكىزلايدىكەن . دائىم سەۋزە ، كاۋا ، سەي كاۋىسى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە كاروتىننى تولۇقلايدىكەن ؛ فېرمېنت ، خاسىڭ ، ئۇيستېر قۇلۇلىسى ، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر ۋە قوي- كالا گۆشى تەركىبىدە سىنىكنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن ؛ رەڭگى قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار بىلەن مېغىزلىق مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندىمۇ ماگنىيغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن .
ئىز تورى www.iz.la
پولات ئامانيار تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
