ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ئەنگىلىيىدە ‹راكېتا ئادەم› قاتناشقا قوماندانلىق قىلىدۇ

2010-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە ، ئەنگىلىيە ئايرودروم باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا يېڭى تىپتىكى راكېتا ئادەم ئارقىلىق ئايرودروم ئەتراپىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە قاتناشقا نازرەتچىلىك قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ . بۇ خىل راكېت
  

ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى> گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە ، ئەنگىلىيە ئايرودروم باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا يېڭى تىپتىكى <راكېتا ئادەم> ئارقىلىق ئايرودروم ئەتراپىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە قاتناشقا نازرەتچىلىك قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ .

بۇ خىل <راكېتا ئادەم> ئەمەلىيەتتە بەدىنىگە يېنىك تىپتىكى رېئاكتىپ ئۇچقۇ مۇقىملاشتۇرۇلغان ئالاھىدە ساقچىلار بولۇپ ، تۆۋەن بوشلۇقتا لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرۈپ قاتناشقا قوماندانلىق قىلىدىكەن . بۇ خىل ئۇچقۇنىڭ ئەڭ تېز ئۇچۇش تېزلىكى سائىتىگە 129 كىلومېتر ، ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 2.4 كىلومېتر بولۇپ ، ئۇدا 10 نەچچە مىنۇت بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرالايدىكەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!