
يەر شارى تورى مۇخبىرى جاۋ شياۋشيا خەۋىرى: «جۇڭگونىڭ تور ھۇجۇمى» ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا تاراتقۇلىرى كوچىلاشقا ئەڭ ئامراق مەزمۇنلارنىڭ بىرسى. يېقىندا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ تېمىنى يەنە بىر قېتىم تەرغىب قىلدى. بۇ تاراتقۇدا مۇنداق دېيىلدى: گەرچە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا جۇڭگوغا كۆپ قېتىم «ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن» بولسىمۇ، ھەمدە «دېپلوماتىك تىرىشچانلىق» كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا جۇڭگو خاككىرلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىلىدىغان تور ھۇجۇمىنى توسۇش جەھەتتە «ئېرىشكەن ئىلگىرىلەش تولىمۇ ئاز» بولدى، بۇ ھالەت «ئامېرىكىنىڭ بېشىنى تولىمۇ ئاغرىتماقتا».
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 20- سېنتەبر ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ھەربىي تەرەپ ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن مەزگىلدە، كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ئىككى تەرەپ كېيىنچە داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغاندىن باشقا، «ھېچقانداق ماھىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالىمىغان».
ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىغا جايلاشقان ماندىئانت تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنىڭ «ئۈنۈمى ئىنتايىن ئاز» بولۇپ، جۇڭگودىكى كېلىدىغان تور ھۇجۇمىنىڭ «ئەلپازى تولىمۇ يامان» ئىكەن، «بۈگۈن بىر ھۇجۇمنى چېكىندۈرسە، ئەتىسى يەنە قايتىدىن كېلىدىكەن».
جۇڭگو غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كىشىلەر ۋە تاراتقۇلار كۆپ قېتىم «جۇڭگونىڭ تور ھۇجۇمى» نى دەستەك قىلىۋالغانلىقىغا قارىتا كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خاككىرلىق قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېر تورى ۋە كومپيۇتېر تور سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق جىنايى پائالىيەتكە ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە بۇنىڭغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. خاككىر ھۇجۇمى بىر خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگومۇ خاككىر ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئىنتېر تورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياخشى تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.