ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
بىن لادېننىڭ شوپۇرى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشنى بىر قوللۇق پىلانلىغان - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
بىن لادېننىڭ شوپۇرى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشنى بىر قوللۇق پىلانلىغان
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  
[ئەنگلىيە«كۈندىلىك تېلېگرافلىق خەۋەرلەر گېزىتى»تور بېكىتىنىڭ 21-سىنتەبىر خەۋىرى] تۈنۈگۈنكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىگىلىنىشچە،  گۋانتانامو قولتۇقىدىكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن، «بازا»تەشكىلاتىنىڭ سابىق تېررورچى ئۇنسۇرى ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدىكى كونسولخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قوماندانلىق قىلغان، بۇ ۋەقەدە ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسىنى ئۆز ئالغان تۆت ئامېرىكىلىق قازا قىلدى.
     سوفىيان بىن قۇم 2007-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۋانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندە ، ئامېرىكا  ئۇنى كازافى ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى داۋاملىق قاماشنى تەلەپ قىلغانىدى.
    ھازىر، فۇكۇس ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: قۇم 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا كونسولخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋەقەسىگە رەھبەرلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەقەدە جون كرىستوف ستېۋېنس قازا قىلدى--ئۇ1979-يىلىدىن بۇيان چەت ئەللەردىكى زوراۋان ۋەقەلەردە قازا قىلغان ئامېرىكىنىڭ تۇنجى باش ئەلچىسى.
      ئامېرىكا قۇمنى قامىغان مەزگىلدە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرى  ئۇنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە «ئوتتۇرا ياكى كۈچلۈك» دەرىجىدە تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك ئەرباب دەپ قارىغانىدى، ئۇ مەسئۇل دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ،  ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغان.
   53ياشلىق قۇم لىۋىيە ئارمىيەسىدىن چېكىنگەن پىشقەدەم  ھەربىي، ئىلگىرى، كازافى ئۇنى  قامىغان مەزگىلدە ، ئۇ تۈرمىدىن قېچىپ سۇدانغا كەتكەن، ئۇ شۇ جايدا  بىن لادېننىڭ   پاي كونترول شىركىتىدە ئىشلىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇ بۇ شىركەتتە ئىشلىگەندە بىن لادېننىڭ شوپۇرى بولغان.
      قۇم ئامېرىكا  ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇزاق ئۆتمەي،  پاكىستاندا يەرلىك ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، گۋانتانامو قولتۇقىدىكى تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلىپ،شۇ تۈرمىدە  ئالتە يىل قامالغان. 2007-يىلى، قۇم گۋانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ،لىۋىيەدە  داۋاملىق قاماش شەرتى ئاستىدا  كازافى ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
   2010-يىلى، كازافى  ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 41يىللىقىنى تەبرىكلەش  مۇنسىۋىتى بىلەن ،  ترىپولىدىكى ئەبۇ سەلىم تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان قۇم ۋە  سېسىق نامى پۇر كەتكەن  يەنە 37جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بەرگەن. لىۋىيە قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، قۇم ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىسى بولغان.
     [رېيتېر ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 21-سىنتەبىر تېلېگراممىسى] ئامېرىكىنىڭ  تېررورلۇققا قارشى  يۇقىرى قاتلام  ئەمەلدارى بۈگۈن پارلامېنتتا: ئۆتكەن ھەپتە تۆت ئامېرىكىلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ، ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدىكى كونسولخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى«تېررورلۇق ھۇجۇمى»بولۇپ، «بازا»تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،دېدى.
    11-سىنتەبىر،  يەنى ئامېرىكا  2001-يىلى يۈزبەرگەن «11-سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى»نى خاتىرلەۋاتقان بۇ كۈندە،  ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدىكى كونسولخانىسى  گراناتاميوت ۋە مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا باش  ئەلچىسى ستېۋېنسن ۋە  يەنە ئۈچ ئامېرىكىلىق قازا قىلدى.
   مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى  مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماتتېۋ ئولسېن كېڭەش پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا  سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە:« بۇ تۆت كىشى كونسولخانىمىز تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قازا قىلدى»،دېدى.
    ئولسېن: بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ  «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»نى خاتىرىلەشنى مەقسەد قىلغان -قىلمىغانلىقىنى داۋاملىق تەكشۈرەۋاتىمىز، لېكىن ، ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن  ئاخباراتتىن، بۇ قېتىمقى «پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغالغان ھۇجۇم»نىڭ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قوزغۇلۇپ ، تېز تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولدى،دېدى.
     ئۇ: بۇ رايوندا سەرخىل  قوراللانغان ئۇرۇشقاق ئۇنسۇلار بار، « بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئىنچىكىلىك بىلەن  پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ بار-يوقلىقىغا دائىر   كونكىرت ئاخباراتىنى  ھازىرغىچە ئىگىلىيەلمەيۋاتىمىز »،دېدى.
    بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئالدىن پىلانلانغانمۇ- يوق؟دېگەن مەسىلە ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئالدىن پىلانلانغان ،دېدى. لىۋىيەنىڭ ئالى ئەمەلدارىمۇ : بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئالدىن پىلانلانغان، دېدى.
    بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سۇسان كوللىنس: لىۋىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قوشۇلىمەن،  بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋەقەسى ئالدىن پىلانلانغان ، بۇ «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، دېدى. ئۇ: كونسولخانانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئۇ يەردە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى يوق ، ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى چەت ئەل ئارمىيەسى ئىجرا قىلىدۇ، دېدى.
 

يېڭى خەۋەرلەر
بەدىنىگە ئاجايىپ-غارايىپ «چەكمە» چەكتۈرگەن ئىنسانلار
بەدىنىگە ئاجايى...
جۇڭگو ۋە رۇسىيە ياپونىيەنى ئىككى تەرەپتىن قىستاپ قويدى
جۇڭگو ۋە رۇسىيە ...
رۇسىيە تارتقۇسى: جۇڭگو ياپونىيە توقۇنۇشى چوڭ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ
رۇسىيە تارتقۇسى:...
ئىسپانىيەدىكى 13 نەپەرلا ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپكە نەزەر
ئىسپانىيەدىكى 13 ...
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى ۋەيران قىلىش
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ...
گېرمانىيە تارتقۇسى: شىمالى مۇز ئوكيان تارىيىپ ئەڭ كىچىك ھالەتكە كېلىپ قالدى
گېرمانىيە تارتق...
روسىيىدىكى غايەت زور ئالماس كانى پۈتۈن دۇنيا ئالماس بازىرىنى ئۈچ مىڭ يىل تەمىنلىيەلەيدىكەن
روسىيىدىكى غايە...
ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 12 كىشى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى
ئامېرىكىدىكى ئە...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
بىن لادېننىڭ شوپۇرى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈ...
بەدىنىگە ئاجايىپ-غارايىپ «چەكمە» چەكتۈرگەن ئىنس...
جۇڭگو ۋە رۇسىيە ياپونىيەنى ئىككى تەرەپتىن قىستاپ...
رۇسىيە تارتقۇسى: جۇڭگو ياپونىيە توقۇنۇشى چوڭ ئۇر...
ئافغانىستاندا ئەنگلىيە تارىخىدىكى تۇنجى «جەڭ مە...
ئىسپانىيەدىكى 13 نەپەرلا ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپكە ...
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى...
گېرمانىيە تارتقۇسى: شىمالى مۇز ئوكيان تارىيىپ ئە...
روسىيىدىكى غايەت زور ئالماس كانى پۈتۈن دۇنيا ئال...
ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 12 كىشى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈ...
چاۋشىيەن ئامېرىكىنىڭ رادار سېستىمىسى قۇرۇشىغا ق...
كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر تۈرمىدە قالايمىقانچىل...
توي قىلىش تەكلىپىنى مۇنداق قويغاننى كۆرگەنما
دۇنيادىكى ئاجايىپ غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغا...
قەبىھ ئەر ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى ئۇدا تۆت كۈ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526