
ئامېرىكىلىق مەھبۇس يۈزىگە ئىسكىلىت سۈرىتىنى چەكتۈرىۋالغان.
2012-يىلى 9-ئايدا، يۈزى ھەم بېشىنى چەكتۈرىۋالغان بىر ئەر ئامېرىكا ئالياسكا ئانكورېج سوت مەھكىمىسىدە، زەھەرلىك چېكىملىك ئالىدىغانغا پۇل توپلاش ئۈچۈن، ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، بۇنىڭدىن سىرت سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرنى ساقچىغا ئوق چىقارغان دەپ ئەرز قىلغان، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جېسون بولۇپ، يۈزى، كالپۇكى ھەممىسىگە ئىسكىلىتنىڭ سۈرىتىنى چەكتۈرىۋالغان، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قاپقارا بولۇپ، قاراشتا ناھايىتى قورقۇنچلۇقكەن.
مېكسىكىدىكى «قان شورىغۇچى ئايال»پۈتۈن بەدىنىگە چەكتۈرۈپ، شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسى ئارقىلىق «مۈڭگۈز» چىقىرىۋالغان.
2011-يىلى 4-ئايدا، تۆت بالىنىڭ ئانىسى بولغان كىرىستىنا ئىلگىرى ئادوۋكات بولۇپ، يولدىشىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىنى بەك تارتىپ كەتكەچكە كېيىن چەكمە سەنئاتكارىغا ئۆزگەرگەن، ئۇ باشتا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى چەكمە سەنئەت دەپ قاراپ، پۈتۈن بەدىنىنى چەكتۈرگەن، بېشىغا تىتان قېتىشمىسى كۆچۈرگۈزۈپ، |«مۈڭگۈز»قىلىۋالغان، چىشىنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، خۇددى قان شورىغۇچىلارنىڭكىدەك تىغلىق چىشلىق بولىۋالغان.

ئامېرىكىلىق ئەر ئالدىنقى قىز دوستىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە پوقنىڭ رەسىمىنى چېكىپ قويغان.
2011-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكىلىق ئايال لوس ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىنى سوتقا ئەرز قىلغان، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە پوقنىڭ رەسىمىنى چېكىپ قويغانكەن، بۇ قىز كىنودىكى بىر ياقتۇرۇپ قالغان مەنزىرىنى دۈمبىسىگە چەكتۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىنى ئىزدەپ بارغان، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى چەكمە چەككۈچى بولۇپ، بۇ قىز يىگىت بىلەن ئارىلاشقان مەزگىلدە ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى بىلەن تولا چاتاق چىقىرىپ يۈرگەچكە ئايرىلىپ ەكتكەندىن كېيىنمۇ يىگىتنىڭ غەزىپى تېخى ئۆچمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇ بۇ قىزنىڭ دۈمبىسىگە پوقنىڭ رەسىمىنى چېكىپ، يەنە بەش تال چىۋىننى قوشۇپ چېكىپ قويغان.

كانادالىق ئەر پاقالچىقىغا تەنناز ئايالنىڭ سۈرىتىنى چېكىۋالغان.
2007-يىلى12-ئايدا، كانادالىق ئەر پاقالچىقىغا تەنناز ئايالنىڭ سۈرىتىنى چېكىۋالغان، بۇ ئەر سەنئەتكار ھەم چەكمە ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، ئادەتتە چەكتۈرۈشنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ،شۇڭا سەنئەت ئۈچۈن ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىكەن، شۇڭا قانچىلىك ئازابتىن قەتئىينەزەر ئۇ چېكىپ سىناپ باقىدىكەن.

ئەنگلىيەلىك ئايال پۈتۈن بەدىنىگە چەكتۈرۈش ئارقىلىق ئاجرىشىپ ئەركىن بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئايال بولۇپ قالغان.
ئەنگلىيە ئوكسفورد شەھىرىلىك ئايال موئېر 2003-يىلى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ سەككىز يىل ئىچىدە بەدىنىنىڭ %85يېرىنى چەكتۈرگەن، 2011-يىلى 8-ئايدا، بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە ھەرخىل چەكمىلەر بىلەن تولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيەدىكى چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئانا بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيەلىك 71ياشلىق موماي دۇنيادىكى چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئايال بولۇپ قالغان.
2008-يىلى 12-ئايدا، ئەنگلىيەدىكى 71ياشلىق موماي لېۋا دۇنيادىكى بەدىنىدىكى چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئايال بولۇپ قالغان، ئۆتۈپ كەتكەن 20نەچچە يىلدا، ئۇ ئاز دېگەندە 20مىڭ فوندېستېرلىڭ بىلەن 500سائەتنى بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھەرخىل چەكمىلەرنى چېكىشكە سەرپ قىلغان، بەدىنىگە يەنە تېخى 48تۆشۈك تەشكۈزۈپ 48دانە زىننەت بويۇمى ئېسىۋالغان، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىدە بىردىنبىر چەكتۈرمىگەن يېرى پەقەت يۈزىكەن.

گوللاندىيەدىكى چەكمە چەكتۈرگۈچىلەر رەتكە تىزىلىپ چەكمىلىرىنى نامايان قىلىشىۋاتىدۇ.
2005-يىلى 6-ئايدا، نۇرغۇن چەكمە چەكتۈرگۈچىلەر گوللاندىيەدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدا كەينىنى قىلىپ قاتارسىغا تىزىلىپ، «رەڭدار دۈمبە»جىنىس رېكورتى يارىتىشقا جەڭ ئېلان قىلغان. بۇ «رەڭدار دۈمبە سېپى»نىڭ ئۇزۇنلۇقى 49.8مېتىر بولۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلغان.

ئامېرىكىلىق ئەر 25يىلدا نەچچە مىڭ قېتىم شەكىل ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيەسى قىلىپ، پۈتۈن بەدىنىنى يولۋاستەك قىلىۋالغان.
2005-يىلى 8-ئايدا،ئامېرىكىلىق ئەر دەنىس 25يىللىق ئۇزۇن مۇساپىلىك شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسىدىن كېيىن مۇنداق ھالەتكە كەلگەن: ناھايىتى يوغان پىشانە، ئۆرلەپ چىققان مەڭزى، ئېغىزى قۇلىقىغىچە كېلىدىغان بولۇپ، چىشىنى يولۋاسنىڭكىدەك قىلىۋالغان، كاپۇكىنىڭ ئۈستىگە 18دانە مېتال مىخ كىرگۈزۈلۈپ يولۋاسنىڭ بۇرتىدەك قىلىۋالغان، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى يولۋاس تېرىسىدەك چېكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى يولۋاسقا ئۆزگۈرۈش. لېكىن دوختۇر، بۇ ئەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە پىسخىكا كېسىلى بارلىقىنى بېكىتكەن.

نورۋىگىيەلىك ئەر ۋەقەدە ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوڭ قولىنىڭ مۈرىسىگە دېلفىن چەكتۈرىۋالغان.
نورۋىگىيەلىك ئەر ھايىن ئۆسمۈر ۋاقتىدا قاتناش ۋەقەسىدە ئوڭ بىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇ ئوڭ بىلىكىدىكى غەلىتە شەكىل بىلەن تارتۇقتىن شۇنداق بىزار بولۇپ، كېيىن چەكمە سەنئەتكارى ئۇنىڭ مۈرىسىگە دېلفىننىڭ بېشىنى چېكىپ قويغان. 2011-يىلى 12-ئايدا، ھايىن :« مەن ئىلگىرى مۈرەمنىڭ شەكلىدىن بەكلا بىزارتىم، كېيىن بايقىسام مۈرەمنىڭ شەكلى خۇددى دېلفىننىڭ بېشىغا ئوخشايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن دېلفىن چەكتۈرۈشنى قارار قىلدىم، ھازىر بۇ مۈرەم ماڭا بەكلا پەيزى كۆرۈنىدۇ»دېگەن.

ئەر بىر ئايال بىلەن بىر كېچە بولغاندىن كېيىن، ئايال ئەر ئۇخلاۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئىسمىنى پىچاق بىلەن ئويۇپ قويغان.
2009-يىلى 2-ئايدا، ئەنگلىيەلىك بىر ئەر بىر ئايال بىلەن بىر كېچە بىللە بولغاندىن كېيىن ئويغۇنۇپ قارىسا ئايال مۈرىسىگە پىچاقتا ئىسمىنى ئويۇپ قويغانكەن.

ئەنگلىيەلىك ئايال پۇتىغا چەكتۈرگەندىن كېيىن يۇقۇملىنىپ قېلىپ پۇتى كېسىلىپ كەتكىلى تاس قالغان.
2012-يىلى8-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي قىسمى ئاير ۋىلايىتى ئوۋۋېن شەھىرىدىكى ئايال سۇزان تۈركىيەگە ساياھەت قىلغىلى بارغاندا ناھايىتى قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ 25فوندېستېرلىڭ سەرپ قىلىپ پۇتىغا پېلەك يوپۇرمىقى چەكتۈرىۋالغان، لېكىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتى يۇقۇملىنىپ تېزدىن يامراپ، قانلىق يىرىڭ پەيدا بولغان، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتسە دوختۇرلار ئۇنىڭ پۇتىنىڭ كېسىلىپ كېتىش خەتىرى بارلىقىنى ئېيىتقان، بەختكە يارىشا، دوختۇر يېڭى تىپتىكى بىر ئانتىبىئوتىكنى ئىشلىتىپ، تۆتىنچى قېتىم ئانتىبىئوتىكلىق داۋالانغاندىن كېيىن، سۇزاننىڭ پۇتى كېسىلىشتىن ئاران قۇتۇلغان.

بىلگىيەلىك قىزنىڭ يېرىم يۈزىگە 56تال يۇلتۇز چېكىۋىتىلگەن.
2009-يىلى6-ئايدا، بىلگىيەلىك 18ياشلىق بىر قىزنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمى 56تال يۇلتۇز بىلەن چېكىۋىتىلگەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۈچ تال يۇلتۇز چەكتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، لېكىن چەككۈچى ئۇستام ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدا يەنە 53تالنى قوشۇپ چېكىپ 56تال قىلىۋەتكەن، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ چەككۈچى ئۇستام قىز تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان، ئەسلى بۇ قىز دادىسىنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەندىن كېيىن ئاندىن مەسئۇلىيەتنى چەككۈچىگە ئارتىپ قويغانكەن.

ياپونىيەدىكى قارا گۇرۇھ ئايال ئەزاسى پۈتۈن بەدىنىنى چەكتۈرىۋەتكەن، ئۇنىڭ يازغان كىتابى پۈتۈن ياۋرۇپادا قاتتىق كەڭ تارقالغان.
ياپونىيەلىك قارا گۇرۇھ ئەزاسى تېنتوكو قاراشتا مودا ياپونىيەلىكلەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، ئۇمۇ مودا ياپونىيەلىكلەردەك پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ، چاچلىرىنى بوياپ يۈرۈيدۇ، لېكىن ئۇ كىيىملىرىنى سېلىپ يالىڭاچ تۇرسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ناھايىتى سىپتىلىق بىلەن ئەجدىھا، سۇمرۇغنىڭ سۈرىتىنى چەكتۈرىۋالغان. ئۇنىڭ يازغان كىتابى 2007-يىلى 9-ئايدا ياۋروپادا ۋەھشىي داڭق قازانغان.

ئامېرىكىلىق ئەر كۆزئەينەك جازىسى شەكلىنى يۈزىگە چەكتۈرىۋالغان.
2010-يىلى1-ئايدا، ئامېرىكا كالفورنىيەلىك ئەر يۈزىگە كۆزئەينەك جازىسىنى چەكتۈرىۋالغانلىق بىلەن قاتتىق نام قازىنىپ كەتكەن، ئۇ چەكمە چەكتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇ يۈزىدىن باشقا يەرگە چەكتۈرۈپ باققانكەن، ئۇنىڭ كۆزئەينەكنى چەكتۈرىۋالغان ۋىدىئوسى توردا كەڭ تارقىلىپ 500مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن، كىشلەر بۇنى كۆزئەينەك شىركىتىنىڭ تەشۋىقات ئېلانى بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشقان.

ئامېرىكىلىق ئوغرى بۇرۇت چەكتۈرىۋىلىپ، كېيىن دېلو سادىر قىلغاندا ئاسانلا قولغا چۈشكەن.
بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە چەكمە بەكلا چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ ئالاھىدىلىك سالاھىيتىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا كلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئوغرى بۇرۇت چەكتۈرىۋىلىپ، دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئاسانلا قولغا چۈشۈرگەن. 2010-يىلى 5-ئايدا، ئۇ كلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى رايونى پۇۋېبلو شەھىرىدە كىشلەرنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرگەندە ئۇنىڭ بۇرتى ئۇنىڭ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كۆرگۈچىلەر ئوغرىنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە شەرقىي رايون دەپ ئىنگلىزچە چەكتۈرىۋالغان، ئېڭىكىگە 13دەپ چەكتۈرىۋالغان قاراشتا ئۆچكە ساقالدەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، ساقچىلار مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى تېزلا قولغا چۈشۈرگەن.

نىيويوركتىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى «دۇنيا سودا مەركىزى ھۇجۇمى»نى سەپداشلىرىنى ئەسلەش سۈپىتىدە دۈمبىسىگە چەكتۈرىۋالغان.
2007-يىلى 9-ئايدا، نىيويوركتىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى تىنارچ 9.11دا قازا قىلغان بەش نەپەر سەپدىشىنى ئەسلەش ئۈچۈن 5000دوللار ھەم بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىكى سۈرىتىنى دۈمبىسىگە چەكتۈرىۋالغان. ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئازابتىن ئازراق خالىي بولغان.

ئامېرىكىدىكى پولات مىخ چەكمە ئۇستىسى، يۈزىدىكى پولات مىخ 100دىن ئاشىدىكەن.
2010-يىلى 4-ئاي، ئامېرىكا نىيويورك، 47ياشلىق دەنىسنىڭ يۈزىگە 100دىن ئارتۇق پولات مىخ قېقىلغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى چەكمە بىلەن تولغانكەن، ئۇ مۇشۇ ھالىتىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىكەن، ئۇ كۈندە كۆپ دېگەندە 170دوللار تاپىدىكەن، ئۇنىڭ قورقنۇچلۇق كىنو ئىشلەش ئارزۇسى باركەن.

يېڭى زېلاندىيەلىك ئەر :Windows 98نىڭ كۆك ئېكران ئۇچۇرىنى چېكىۋالغان.
يېڭى زېلاندىيەلىك ئەر سەم رۇلزى Windows 98نىڭ كۆك ئېكران ئۇچۇرىنى بىلىكىگە چېكىۋالغان، ئۇنىڭ مۇسكۇللۇق بىلىكىدە بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغان كۆك ئېكران ئۇچۇرى يېزىلغان.

ئەنگلىيەدىكى سەۋدا ئەر ئايالىنىڭ رەسىمىنى دۈمبىسىگە چەكتۈرىۋالغان.
ئەنگلىيەلىك ئەر ئالان 2003-يىلى 870فوندېستېرلىڭ سەرپ قىلىپ، 20نەچچە سائەت ئازابلىق ئوپراتسىيەنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئايالىنىڭ چوڭ-كىچىك باش سۈرىتىنى دۈمبىسىگە چەكتۈرىۋالغان ھەم بۇ ئارقىلىق ئىككىسىنىڭ 15يىللىق ئۇزۇن مۇساپىلىك مۇھەببىتىنى خاتىرىلىگەن. 2007-يىلى 10-ئايدا، ئالان ئويلاپ باقمىغان يەردىن ئايالى تالاغا قاراپ، 25ياشلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش تېرنىرى بىلەن قېچىپ كەتكەن. لېكىن ئالان پۇشايمان قىلمىغان ھالدا، ئەگەر يەنە يۈرەك ئوتلۇرۇمنى تۇتاشتۇرالايدىغان بىرەسى ئۇچراپ قالسا، كۆكرەك تەرىپىمگە شۇنىڭ سۈرىتىنى چەكتۈرىمەن دېگەن.