

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى بىر ئەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 302 دانە كالتە ئىشتاننى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيىپ جىنس رېكورتى يارىتىشقا جەڭ ئېلان قىلغان.
خەۋەر قىلىشىچە، 53ياشلىق گەيرىي كىرىگ ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي تاينىسايدتا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى، ئۇ ئۆتكەن يىلى 211دانە كالتە ئىشتان كىيىپ جىنس رېكورتى ياراتقان، لېكىن بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىلىق بىر ئەر 252دانە كالتە ئىشتان كىيىپ ئۇنىڭ رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن، بۇ قېتىم، كىرىگ «دۇنيا بويىچە بىرىنچى»دېگەن ئاتاقنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش قارارىغا كەلگەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كىرىگ ئۆزىنىڭ 302دانە كالتە ئىشتان كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان سىننى جىنس رېكورتى ئورگىنىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، جىنس رېكورتى ئورگىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى كۈتۈۋېتىپتۇ.