
خەلق گېزىتىنىڭ 19- سېنتەبر باڭكوكتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر خەن شو): مانىلا ئۇچۇرى: فىلىپپىن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ نامىنى «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە يەنە چاتاق چىقىرىشنى پىلانلىدى. فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنونىڭ پەرمانىغا ئاساسەن سىزىلغان يېڭى فىلىپپىن خەرىتىسى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. فىلىپپىن دۆلەتلىك خەرىتە سىزىش ۋە بايلىق ئۇچۇرى ئىدارىسى ئۇچۇر باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جون فابىك 18- سېنتەبر مۇنداق دېدى: يېڭى خەرىتىدە نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر قىسىم خادا تاش ئاراللىرى ۋە خۇاڭيەن ئارىلىنىڭ ھەممىسى ئېنىق قىلىپ مەخسۇس ئىقىتىسادىي رايوننىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

«فىلىپپىن يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاكىنونىڭ ھەرىكىتى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىشقا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.