1985-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت. ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەنە شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مۇئاشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى فىلىپىس ئالتىباچ 28دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائاش ۋە تەمىناتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مائاشى، ئەڭ يۇقىرى مائاشى ۋە ئوتتۇرىچە مائاشىنى ستاتىستىكا قىلىپ چىققان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، كانادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىكى دەسلەپكى مائاشى، ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە ئەڭ يۇقىرى مائاشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5733،7196،9485ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئىتالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىمۇ ياخشى بولۇپ كانادادىن قالسا كېيىنكى بەش ئورۇننى ئىگىلىگەن. جۇڭگودىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بولسا ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، تەخمىنەن 720ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدىكەن.

1.كانادا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 7196ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ، كانادا تورونتو، Judy Thompson ‹English is Stupid›ناملىق دەرسلىكنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ كىتاب ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى ئۆتۈلىدۇ.

شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كانادا تورونتو. شۇ يەرلىكتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنى ھەجۋىي قىلىپ ياساپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتكە قاتناشماقتا.

2.ئىتالىيە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 6955ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2011-يىلى 3-كۈنى، ئىتالىيە رىم، بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ يۈزىگە No Partyدەپ خەت يېزىپ مالىيە كېمەيتمىسىگە قارشى چىققان.

3.جەنۇبىي ئافرىقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 6531ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، شۇ يەرلىكتىكى Itsoseng بالىلارغا كۈندۈزلۈك قاراش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چۈشلۈك دەم ئېلىۋاتماقتا.


4.ھىندىستان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 6070ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ، ھىندىستان ئامىريسار، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئۇستازىغا گۈل سوۋغا قىلماقتا.

5.ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 6054ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپى 7-ياشتىن -8ياشقىچە بولغان بالىلارنى تاللاۋاتىدۇ. 1934-يىلىG بالانچانى ئامېرىكىدا ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپى قۇرغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكىنى قۇرغان.

شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكا لاسۋىگاستىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

ئارقىدىن سانىغاندا 5-ئورۇندا تۇرىدىغىنى قازاقىستان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىقى 1553ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، قازاقىستان ئاستانىدىكى مەخسۇس گېرمان تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ.

ئارقىدىن سانىغاندا 4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېفىئوپىيە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 1207ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئېفىئوپىيە شۇ يەرلىكتىكى بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى .

ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى جۇڭگو بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 720ئامېرىكا دوللىرى.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، جاڭشى ۋۇيۈەن ناھىيىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 500نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ پىلاكات يېزىپ سوۋغا تەبرىكلىگەن.


ئارقىدىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى رۇسىيە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 617ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ، رۇسىيە بىرىنچى خانىمى Svetlana Medvedeva(ئوڭ تەرەپ )مەكتەپتە زىيارەتتە بولغان.

ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەرمەنىستان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 538ئامېرىكا دوللىرى.
شۇ يەر ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئەرمەنىستان كۆچمەنلەر مەكتىپى.