


يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»9-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 16-چېسىلا چۈشتىن كېيىن سائەت 3ئەتراپىدا، ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى پېمبېرلىي دوختۇرخانىسى يېنىدىكى پېمبىرلىي يولى ۋە پرمبېرلىي كوچىسى كېسىشىش ئېغىزىدا بىر دانە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن كىچىك شەخسىي ماشىنا سوقۇشۇپ كېتىپ ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئەمما ھېچقانداق ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئەمما قۇتقۇزۇش خادىملىرى ماشىنىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكىنىگە قارىماي نەق مەيداندا چاقچاق قىلىشقان ھەمدە بىر ئايال خادىم نەق مەيداندا تەپ تارتماستىن كۈلۈپ سۈرەتكە چۈشكەن.



ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋەزىپە ئۆتەشكە ماڭغان يول ئۈستىدە سوقۇلۇپ قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان. نەق مەيداندىن كۆرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساقچىلار ۋەقە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداندا كۈلكە-چاقچاق قىلىشقان. يولدا توسۇلۇپ قالغان ماشىنىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ماشىنا ئىگىلىرى ئاچچىقلىنىشقا باشلىغان، ئەمما بۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرى قىلچىمۇ جىددىيلەشمەستىن پاراڭلىشىپ، كۈلۈشۈپ يەنە خاتىرە سۈرەتلەرگىمۇ چۈشكەن.