ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئىراقتىكى «تۇل خوتۇنلار ئۇرۇشى» ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ئىراقتىكى «تۇل خوتۇنلار ئۇرۇشى» ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ 20-سېنتەبىر ماقالىسى] مەيلى ھۆكۈمەت قوبۇل قىلغان «ئىراق قىزلىرى»دا خىزمەت قىلىدىغان تۇل خوتۇنلار ياكى «بازا» تەشكىلاتى ئۈچۈن «ئادەمبومبا» بولۇۋاتقان تۇل خوتۇنلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2003-يىلىدىن بۇيان، ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئاتالمىش «تۇل خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش» ئەمەلىيەتتە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن رادىكال تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى كۈرەشتۇر. 
     18-سېنتەبىر ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ «قىرىق نەزىرى»كۈنى، بۇ كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا، بىر ئايال ئادەمبومبا تاۋاپ قىلغۇچىلار ئارىسىدا بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلاتتى، 41 كىشى قازا قىلدى، 106 كىشى يارىلاندى. بۇ يەنە بىر قېتىملىق ئايال «ئادەمبومبا» ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تىپىك مىسالى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىراقتىكى رادىكال تەشكىلاتلار بارغانسېرى كۆپلىگەن ئايالنى تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنىڭ قورالى قىلماقتا. ئايال «ئادەمبومبا»لارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتى «ئىراق قىزلىرى» پىلانىنى تۈزۈپ، مەخسۇس ئاياللارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈدىغان ئايال ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. ئايال ئامانلىق ساقلىغۇچىلىققا تىزىملاتقان ۋە ئايال «ئادەمبومبا» بولۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇل قالغان ئاياللار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇلار ئارىسىدىكى ئېلىشىشنى «تۇل خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەۋاتىدۇ.
             «بۇ قېتىمقى كەچۈرمىش ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى»
     ئىراقنىڭ دىيالا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بەرغۇبە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى يول ئۈستىگە تەسىس قىلىنغان تەكشۈرۈش پونكىتىدا، مۇنتىزىم قوراللانغان ھەربىي ساقچىلار ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلارنىڭ بەدىنىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈۋاتاتتى، ئالاھىدە كىيىنگەن خۇدا ئىسمائىل باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، چۈنكى، ئىراقتا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئايال بىخەتەرلىكنى تەكشۈرگۈچى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. 30 ياشلىق خۇدا ئىسمائىل ئۇرۇشتا بەختكە قارشى تۇل قالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ «ئىراق قىزلىرى» پىلانىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ «بازا» تەشكىلاتى ئايال «ئادەمبومبا»لىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئاياللارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
    «ئىراق قىزلىرى» ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇل قېلىپ، ئائىلە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئاياللار، قېنىق كۈل رەڭلىك پەرەنجە كىيگەن، يۈزىنى يېپىۋالغان بۇ «ئىراق قىزلىرى» ھەرقايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئەر ھەربىي ساقچىلارنىڭ  ئاختۇرۇشىغا بىئەپ بولغان ئاياللارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈپ، ئايال «ئادەمبومبا»لارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. 
     خۇدا ئىسمائىلنىڭ ئېرى ئىراق ئارمىيەسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر شىركەتنىڭ شوپۇرى بولغاچقا، 2007-يىلى ئاپرېلدا بەرغۇبەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.تۇل قالغان ھەم كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان خۇدا ئىسمائىل بەش ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، قېيىنئانىسىنىڭكىدە ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇلتۇر ئاپرېلدا، خۇدا ئىسمائىل ھۆكۈمەتنىڭ «ئىراق قىزلىرى»پىلانىغا قوبۇل قىلىنغان.
     خۇدا ئىسمائىل «ئىراق قىزلىرى» پىلانىغا قاتناشقاندىن بۇيان، بۇلتۇر ئىيۇندا ئەڭ خەتەرلىك بىر قېتىملىق ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ ۋە باشقا خەۋپسىزلىك خادىملىرى قاتناشقان «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بەرغۇبەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇۋىسىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، خەۋپسىزلىك قىسىمى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بومبا ياساۋاتقان بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق كۈچلەر شايكىسىنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىدۇ.
     خۇدا ئىسمائىل: «بۇ قېتىمقى كەچۈرمىش ماڭا ئىشەنچ ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچ ئاتا قىلدى»، دېدى.
     ئېرى قازا قىلغاندىن كېيىن، خۇدا  ئىسمائىل بىر مەھەل بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ «ئىراق قىزلىرى»پىلانىغا قاتناشقاندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىدۇ. خۇدا ئىسمائىل بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ھەر كۈنى ئەتىگەندىن چۈشتىن كېيىن سائەت 2گىچە ئىشلەيدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئېيىغا 30 مىڭ دىنار (270 دوللارغا تەڭ) مائاش بېرىدۇ.
                « خىزمىتىمدىن  پەخىرلىنىمەن»
    دىيالا ئۆلكىسى 2003-يىلىدىن كېيىن «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى شۆبىسى ئەزا قوبۇل قىلىدىغان، مەشىققلەندۈرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىراقتىكى «ئادەمبومبا» ئۆلكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى پەرەنجە كىيىپ يۈرىدىغان ئاياللار پۇختا نىقاپلىنىدىغان بولغاچقا، «بازا» تەشكىلاتى ھەمىشە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇل قالغان ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بەزى ئاياللارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى «ئادەمبومبا» قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، بۇ ئۆلكىدە 27 قېتىم ئايال «ئادەمبومبا» ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 113 كىشى قازا قىلغان، نەچچە يۈز كىشى يارىلانغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاياللارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئايال «ئادەمبومبا»ھۇجۇمىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى «ئىراق قىزلىرى»پىلانىنى تۈزدى. 
    ھازىر، دىيالا ئۆلكىسىدە «ئىراق قىزلىرى» پىلانىغا قاتناشقان ئاياللار 300 نەچچىگە يەتتى. بەرغۇبە ۋە دىيالا ئۆلكىسىنىڭ باشقا ئاساسلىق شەھەرلىرى، يېزا بازارلىرىدىكى ئورگان ياكى بازار قاتارلىق «ئادەمبومبا»ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
     35 ياشلىق خەيىفە قاسىم داھىل 2008-يىلىنىڭ ئاخىرى «ئىراق قىزلىرى» پىلانىغا قاتناشقان، ھازىر ئۇ ئۆلكىلىك پارلامېنتقا تۇتىشىدىغان كوچىدا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئېرى 2006-يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق پارتلاشتا قازا قىلغان. ئۇ ئۈچ بالىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ بەرغۇبە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر كونا ئۆيىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىراقتا، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىۋاتقاچقا، خەيىفە: بىخەتەرلىك پىدائىيچىسى بولۇشتىن ئىبارەت بۇنداق خىزمەتكە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
     ئۇ: « نۇرغۇن كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى بىزنىڭ خىزمىتىمىز تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ  ھۇجۇمىنى تارمار قىلىش»، دېدى. ئۇ پەخىرلىنىپ: «ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ كوچىدا بىخەتەر يۈرگىنىنى كۆرگىنىمدە، خىزمىتىمدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن»، دېدى.
    خەيىفە: كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئاختۇرۇش ۋەزىپىلىرىگە قاتنىشىپ باقمىغان بولساممۇ، «پۇرسەت بولسىلا، <ئىراق قىزلىرى> تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئەر خەۋپسىزلىك خادىملىرىدىنمۇ بەكەرەك يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ»، دېدى.
     دىيالا ئۆلكىلىك خەۋپسىزلىك قىسىمى تەمىنلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ ئۆلكىلىك خەۋپسىزلىك قىسىمى ئادەمبومبا ھۇجۇمچىسى بولۇشقا ئۇرۇنغان 11 ئايالنى قولغا ئالغان. «ئىراق قىزلىرى» بۇ ھەرىكەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. 
      «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار»
      ئىراقتا نېمە ئۈچۈن «تۇل خوتۇنلار ئۇرۇشى»دىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى مەسىلىسىدە باغداد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيەت ئىلمى پىروفېسسورى ساباخ شاھ: «مەيلى <ئىراق قىزلىرى> پىلانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ياكى <بازا> تەشكىلاتىنىڭ <ئادەمبومبىسى> بولۇۋاتقان تۇل خوتۇنلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2003-يىلىدىن كېيىن ئىراقتا داۋاملاشقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇل قالغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللار»، دېدى.
     ساباخ شاھ: «ئىراق قىزلىرى» پىلانىنى تۈزۈش «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان»لىققا باراۋەر. ئۇ: ئالدى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئاختۇرۇشتەك قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىنى ھەل قىلدى، بۇ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ تېخىمۇ مۇھىمى نامرات ئاياللارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق،ئۇلارنى كىرىم مەنبەسىگە ئېرىشتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ يېڭى «ئادەمبومىسى»بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتتى، دەپ قارىدى. 
    ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «تۇل خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش» ئەمەلىيەتتە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن رادىكال تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى كۈرەش، ئىراق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تۇل قالغان خوتۇنلار ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىراق ئاياللىرىغا داۋاملىق ياردەم بەرگەندىلا، بۇ ئالاھىدە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدۇ.
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئوباما ئېتىراز بىلدۈرۈش - تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، دېدى
ئوباما ئېتىراز ب...
زۇڭتۇڭ ئوباما بىرمىدىكى ئۆكتىچىلەر رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
زۇڭتۇڭ ئوباما بى...
كەم ئۇچرايدىغان قوش باشلىق غازنى كۆرۈپ بېقىڭ
كەم ئۇچرايدىغان ...
پاكىستاندىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ماشىنا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
پاكىستاندىكى بى...
ئىسرائىلىيەدە زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىلدى
ئىسرائىلىيەدە ز...
فىلىپپىن خۇاڭيەن ئارىلىنى ئىقتىسادىي رايونىغا كىرگۈزدى
فىلىپپىن خۇاڭيە...
ۋەقە چىقسىمۇ بەخىرامان سۈرەتكە چۈشكەن قۇتقۇزۇش خادىمى
ۋەقە چىقسىمۇ بەخ...
ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانى لوس ئانژېلېسقا قاراپ ئۇچتى
ئامېرىكىنىڭ ئال...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىراقتىكى «تۇل خوتۇنلار ئۇرۇشى» ھازىرغىچە داۋام...
تۈركىيە سابىق زۇڭتۇڭنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرمەكچى بو...
فىلىپپىندا تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى جۇڭگولۇق قۇتقۇ...
ئوباما ئېتىراز بىلدۈرۈش - تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەم...
زۇڭتۇڭ ئوباما بىرمىدىكى ئۆكتىچىلەر رەئىسى بىلەن ...
كەم ئۇچرايدىغان قوش باشلىق غازنى كۆرۈپ بېقىڭ
پاكىستاندىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ماشىنا بوم...
ئىسرائىلىيەدە زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ ...
فىلىپپىن خۇاڭيەن ئارىلىنى ئىقتىسادىي رايونىغا ك...
ۋەقە چىقسىمۇ بەخىرامان سۈرەتكە چۈشكەن قۇتقۇزۇش خ...
ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانى لوس ئانژېلېسقا قا...
ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى...
پاكىستان چېگرىدا 29 نەپەر تالىباننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈ...
ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئالتە دۆلەت بىلەن داۋاملى...
ئاۋسترالىيەدە ھەيران قالغۇدەك 30 مېتىر ئېگىزلىكت...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526