
گەرچە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش زور دەرىجىدىكى داۋالغۇشنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 20-30 يىلنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن دۇنيا «غەرب ئاجىزلاش شەرق كۈچىيىش» ھالىتىدە تۇرىدىكەن. بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن. ئۇ گەرچە ئاجىزلاپ كەتكەن بىلەن، ئەمما بۇ خىل ھالەت ناھايىتى قىسقا داۋام ئېتىدىكەن. ئەمما جاھانگىرلىك باسقۇچىدىكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش مۇشۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن. كەلگۈسىدىكى 20-30 يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەر، ھەر قايسى ئىستراتېگىيىلىك گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، رىقابەتلىشىش ۋە كۈچ سىنىشىش ئەھۋالىنى بىر نەرسە دېمە ناھايىتى قىيىن ئىكەن، ئەمما نۆۋەتتە بىر قىسىم ئەھۋاللارنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىكەن: يەنى بۇ قېتىمقى دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسى 21-ئەسىرىنىڭ 20-يىللىرىدىن 30-يىللىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ھەمدە يەنىلا ئالدىنقى يېرىم ئەسىردىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ۋە بىر قەدەر جىددىي بولغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى خۇلاسىلەشكە بۇلىدىكى بۇ بولسا ھەر قايسى دۇنيا ئەللىرى دۇچ كېلىدىغان ۋە يۈزلىنىدىغان ئورتاق مەسىلە ئىكەن.
بۇ ئېغىر ئەھۋالنىڭ ئاساسى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:
بىرىنچىدىن، دۇنيا ئىقتىسادى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان زەئىپلىشىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى %1 ئادەم ھەر يىلى دۆلەت كىرىمىنىڭ 4 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا بايلارنىڭ سانى ئازىيىپ،نامراتلا سانى ئېشىپ بارىدىكەن.
ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا داۋالغۇش بولىدىكەن، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ھەربىي كۈچى، دۆلەت ئاساسى ئىستراتېگىيىسى قاتارلىقلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن ۋە دۇنيادىكى جاھانگىرلىك ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا قارىغۇلارچە ھالدا رۇسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق ئىككى دۆلەت بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مالىيە مىنىستىرى بالو :«ئەمەلىيەت ناھايىتى ئېنىق، ۋاشىنگتوندىكى ئىككى پارتىيە پۈتۈن تىغ ئۇچىنى جۇڭگو ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتكە قارىتىدۇ» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمىچە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونى ئامالسىز قالدۇرۇش بولسا ئامېرىكىنىڭ شۇ مەزگىللىك پىلانى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنى مەغلۇپ قىلىش بولسا ئامېرىكىنىڭ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك پىلانى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسى سەۋەبى بولسا رۇسىيە بىر قەدەر مول بولغان بايلىق مەنبەسى بىلەن ھەربىي سانائەتكە ئىگە ئىكەن، ھەمدە جۇڭگو بولسا بىر قەدەر چوڭ بولغان بازار مەنبەسىگە ئىگە ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە نۆۋەتتە خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كىرىشىپتۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولدا ماڭغان جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشى ئامېرىكا ئۈچۈن زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن،شۇنىڭغا ئىشنشىمىز كېرەككى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پاراق بولغۇسى!