
رۇسىيە «موسكۋا ياشلار تەشكىلاتى گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئارال سەۋەبى بىلەن نىزا پەيدا قىلىشى، ھەرگىزمۇ رۇسىيە ياكى كورىيىنى نىشان قىلىش ئەمەس بەلكى جۇڭگو بولۇپ، رۇسىيىلىك مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈچىيىپ بارغان بىلەن، ئەمما ۋاقتىنچە چوڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىكەن.
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ھەربىي تەرەپنىڭ ھەربىي يول ئارقىلىق دىياۋيۈ ئارىلىغا ئارىلىشىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى لىياڭگۇاڭليېنىڭ تەكىتلىشىچە، جۇڭگو تەرەپ باشتىن ئاخىر تالاش-تارتىشنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ، ئەمما باشقا يول ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماپتۇ، يەنى ھەربىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش مەسىلىسىنى جۇڭگو تەرەپ قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلمايدىكەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ياپونىيە توقۇنۇشى ئەڭ كەسكىن مەزگىلگە بېرىپ قالغان بولۇپ، جۇڭگودىكى نۇرغۇن ياپونىيە كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىنى تاقاشقا مەجبۇرى بولۇپتۇ، گەرچە بىۋاسىتە سەۋەب ئوخشاش بولمىغان بىلەن، ئەمما بىر قىسىم كارخانىلارنى توكيو تەرەپ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقىتىپتۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم كارخانىلاردىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار زور كۆلەمدە ئىش تاشلاپتۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، دىياۋيۈ ئارىلى بولسا جۇڭگونىڭ مۇقىم زېمىنى بولۇپ، جىياۋۇ يىللىرىدىكى جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە بۇ ئارالنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىپتۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە بۇ ئارالغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقاتقان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ياپونىيە بۇ ئارالنى سېتىۋېلىش باھانىسى بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، «ئاتالمىش ئارالنىڭ خوجىسى» دىن بۇ ئارالنى سېتىۋېلىپتۇ، ۋە نەتىجىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ياپونغا قارشى دولقۇن قايتا پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ.
جۇڭگوغا زىيارەتكە بارغان رۇسىيىلىك مۇخبىر مۇلىيېچىننىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئەمما ھەربىي توقۇنۇش بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىكەن، يەنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى بار ئىكەن. شۇنداق دېيىشكە بۇلىدىكى، ئەگەر جۇڭگو ھەربىي كۈچ ئىشلەتسە، تاقابىل تۇرىدىغىنى ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى بولماستىن بەلكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىق جۇڭگو ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە تالاش-تارتىشى تۈپەيلىدىن بولۇپ، دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى تەبىئىي گاز ۋە بىر قىسىم قېزىلما بايلىقلار نۆۋەتتىكى توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆز قارىشى يالغۇز بۇ بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيىدىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپتۇ.
شۇنداق دېيىشكە بۇلىدىكى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر بۇ مەسىلىگە قاتتىق تاقابىل تۇرىدۇ، ياپونىيە ئۈچۈن بىر قەدەمگىمۇ يول قويمايدۇ.