OPPOئاق رەڭلىك Finderيانفونى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلىنىدۇ
OPPOFinder نىڭ ئاق رەڭلىك نۇسخىسى
شىنلاڭ تورى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى، OPPOبۈگۈن Finderئەقلىيفونىنىڭ ئاق رەڭلىك نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، ئابونېنتلار 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چىشى بايرىمىدا OPPOئورگان تورىدا زاكاز قىلسا بولىدىكەن، تۇنجى ئاق رەڭلىك نۇسخىسى پەقەت 1000 دانىلا ئىكەن. يېقىندا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىغان. OPPO Finderنۆۋەتتىكى ئەڭ نىپىز ئەقلىيفون بولۇپ، قېلىنلىقى ئاران 6.65 مىللىمېتر كېلىدىكەن. ئاق رەڭلىك Finderكە ئوخشاشلا 1.5GHzلىق گاۋتۇڭ قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1G RAMۋە 16G ROMسەپلىنىپ، 4.3 ديۇيملۇق Super AMOLED Plusسۈپەتلىك ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئارقىسىغا سەككىز مىليۇن پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، 1080Pيۇقۇرى سۈزۈكلۈكتىكى سىنغا ئېلىشنى قوللايدۇ، ئالدىغا بىر مىليۇن 300 مىڭ پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، 720Pئېنىقلىقتا سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى بار.