ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ كۆچمە ئالاقە تورى تەمىنلىگۈچى كارخانىسى بولغان Sprint ئاللىقاچان iPhone 4S نىڭ باھاسىنى 149.99 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئىستېمالچىلار بۇ يانفوننى سېتىۋالسا، 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق بىر سوۋغات سومما كارتىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، نۇرغۇنلىغان باشقا تەمىنلىگۈچى كارخانىلارمۇ باھانى 149.99 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرگەن. ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىدىمۇ باھا چۈشۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر بىر 4S نىڭ باھاسى 50 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ئالما دۇكىنىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سوۋغات سوممىسى كارتىسى تارقىتىلىدىكەن.
